@ 474 ياشقا كىردى

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2015-04-01 15:38:09

@ ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىتالىيەدە قوللىنىلغان. 1536-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىتالىيەنىڭ فلورېنسىيەدىكى سودىگەر فرانسېسكو راببى بىر پارچە خېتىدە @ بەلگىسىنى ئىشلەتكەن

    @ 474 ياشقا كىردى
    شى يىنپىڭ
    قەيسەر ئابلىكىم تەرجىمىسى

    توردا ئېلېكتىرونلۇق يوللانما يوللايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى @ دىن ئىبارەت بۇ بەلگىنى بىلىدۇ. بۇ بەلگە at دەپ ئوقۇلىدۇ، ئېلېكتىترونلۇق خەت ساندۇقىدا بولسا «مەلۇم ئابۇنېت»، «مەلۇم مۇلازىمەت ئاپپاراتى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. @ نىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوقۇلۇشىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا @ نى «مايمۇن قويرۇقى» دېسە، رۇسىيەلىكلەر «كۈچۈك» دەپ ئاتايدۇ، فىنلاندىيەلىكلەر @ نى «مۈشۈك» دېسە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيەلىكلەر «قۇلۇلە» دەپ ئاتايدۇ.
    نۇرغۇن كىشىلەر @ نى ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىلارنىڭ قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن يېڭى كەشپىيات دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە @ نىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 474 يىل بولغان. بىراق، @ ئەڭ دەسلەپتە ئېغىرلىق بىرلىكى ۋە ھەجىم بىرلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكى سۈپىتىدە قوللىنىلغان.
    @ ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىتالىيەدە قوللىنىلغان. 1536-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىتالىيەنىڭ فلورېنسىيەدىكى سودىگەر فرانسېسكو راببى بىر پارچە خېتىدە @ بەلگىسىنى ئىشلەتكەن، خەتتە ئۆزىنىڭ ئىسپانىيەگە مال ئەۋەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، خەتتە ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ھەجىمىگە ئالاقىدار جايلارنىڭ ھەممىنى @ ھەرپى بىلەن بەلگە سېلىپ ئىپادىلىگەن. مانا بۇ ئەڭ دەسلەپ بارلىققا كېلىپ ئىشلىتىلگەن @ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىتالىيە ئالىملىرى بۇ تارىخىي بايقاشنى ئېنىقلاپ چىققان. ئىتالىيە ئالىملىرى فلورېنسىيە ئەتراپىدىكى پۇلاتو دېگەن كىچىك شەھەردىكى شەھەرلىك ئىقتىساد تارىخى تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتقان ئارخىپتىن فرانسېسكو راببىنىڭ @ بەلگىسىنى ئىشلەتكەن خېتىنى بايقىغان.
    تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ھاراق قاچىلىنىدىغان ئەسۋابلار ، ھاراق باھاسى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەينى يىللىرى ئىتالىيەدە ھاراقنىڭ كۈپى بىلەن سېتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. «ھاراق كۈپى» ئىتالىيە تىلىدا anfora دېگەن مەنىدە بولۇپ، 114@ گاللون ئۆلچەم قىلىنغان، تاكى بۈگۈنگە قەدەر anfora ئىتالىيەدە ھاراقنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە. @ ئىسپانىيەدە ئېغىرلىقنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، «ئالوۋا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    بىر نەچچە ئەسىرلىك ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، @ ئاخىر كومپيۇتېر كۇنۇپكىسىدىن ئۆز ئورنىنى تاپتى. @ دەسلەپتە ئەنگلىيە سودىگەرلىرى تەرىپىدىن «  at the price of» (باھاسى...)نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى سۈپىتىدە قوللىنىلغان، شۇنداقلا  DOS نىڭ بويرۇقى قىلىنغان. مەسىلەن، دائىم قوللىنىلىدىغان « off echo @ » دېگەندەك جۈملىلەرگە ئوخشاش.
    1971-يىلى @ ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىدا قوللىنىلغان. بۇنى دەسلەپتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي تور تەتقىقات ئورنى بولغان _ BBN  كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ ئنژېنېرى راي توملىنسون كەشىپ قىلغان. شۇ يىلى راي توملىنسون بويرۇققا بىنائەن ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقىنىڭ ئادرېسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر سىستېمىنى كەشىپ قىلماقچى بولىدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن بىر كىچىك سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ، سىستېمىدىكى ھۆججەتنى يەنە بىر سىستېمىنىڭ خەت يوللاش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر پارچە خەتنى بىر كومپيۇتېردىن يەنە بىر كومپيۇتېرغا يوللاش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق يوللانما بارلىققا كېلىدۇ. راي توملىنسون سىستېمىنى ئەڭ ئاخىرىقى باسقۇچتا بېكىتىپ چىققاندىن كېيىن، دەرھال خىزمەتچى خادىملارغا ھازىردىن باشلاپ ئۆزىنىڭكىدىن باشقا كومپيۇتېرلارغا ئېلېكتىرونلۇق يوللانما يوللىسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر پارچە ئېلخەت يوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن راي توملىنسون: «ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىنى مەن بارلىققا كەلتۈردۈم« دەيدۇ. بەزىلەر راي توملىنسوندىن: «نېمە ئۈچۈن @ بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى تاللىدىڭىز؟»دەپ سورىغاندا، ئۇ: «مەن @ نى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىنى ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرىغا ئەمەس، بەلكى باشقا بىر كومپيۇتېرغا يوللىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولدۇم» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بىز ھازىر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولغان كىشىنىڭ ئىسمى ياكى نومۇرى @+ كومپيۇتېر ياكى شىركەتنىڭ نومۇرى @+ ئىككى ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدىغان دۆلەتنىڭ نومۇرى بارلىققا كەلگەن.
     («تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9-سانىدىن ئېلىندى)


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر @