10 – كۈنى كېچىسى

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2015-07-30 18:38:39

ئاندۇرۇ ئامېرىكىلىق نېگىر، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يەتتە بالا بار ئىدى، شۇڭا بۇ ئائىلە بەكلا نامراتچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇ ھال ئۇنىڭدا سودا قىلىپ، پۇل تېپىش نىيىتىنى پەيدا قىلغان ھەمدە ئۇنى سوپۇن تىجارىتىنى تاللاشقا يېتەكلىگەنىدى.

    10 – كۈنى كېچىسى
     
    ئابلىمىت داۋۇت تەرجىمىسى
     
    ئاندۇرۇ ئامېرىكىلىق نېگىر، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يەتتە بالا بار ئىدى، شۇڭا بۇ ئائىلە بەكلا نامراتچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇ ھال ئۇنىڭدا سودا قىلىپ، پۇل تېپىش نىيىتىنى پەيدا قىلغان ھەمدە ئۇنى سوپۇن تىجارىتىنى تاللاشقا يېتەكلىگەنىدى.
    ئۇ بۇ يولدا نەق 12 يىل تەۋرەنمەي ماڭدى. بۇ 12 يىلدا ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ سوپۇن ساتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ ئۆزىنى سوپۇن  بىلەن تەمىنلەيدىغان زاۋۇتىنىڭ سېتىلىدىغانلىقىدىن، باھاسىنىڭ 150 مىڭ دوللار ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ زاۋۇتنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. بىراق بۇ 12 يىلدا ئۇ ئاران 25 مىڭ دوللار يىغالىغانىدى، بۇ پەقەت زاكالەتكىلا يېتەتتى. ئاندىن 10 كۈن ئىچىدە 125 مىڭ دوللارنى تۆلەپ بولۇشى، بولمىسا تۆلىگەن زاكالىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك ئىدى.
    12 يىللىق سوپۇن تىجارىتى داۋامىدا، ئاندۇرۇ نۇرغۇن كەسىپداشنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلاردىن ياردەم سوراپ بېرىۋىدى، ئۇلارنىڭ سېخىيلىك بىلەن بەرگەن ياردىمىگە نائىل بولدى. ئۇ يەنە قەرز شىركەتلىرىدىن قەرز ئالدى. نەق مۆھلەت توشىدىغان 10 – كېچىسى ئۇنىڭ قولىدىكى پۇل 115 مىڭ دوللارغا يەتتى. ئاندۇرۇ كېيىن شۇ چاغلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى:
    _ ئەينى چاغدا مەن بارلىق مەبلەغ جۇغلاش مەنبەيىمدىن پايدىلىنىپ بولغان ئىدىم، بىراق بۇ چاغ كېچە ئېغىر ياتقۇ مەھەللىگە يېقىنلىشىپ قالغانىدى. مەن قاراڭغۇلۇققا پاتقان ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ ئۆز – ئۆزۈمگە مۇنداق دېدىم: 61 – نومۇرلۇق كوچىغا بېرىپ يول ئىزدەپ باقايمۇ؟
    كېچە سائەت 11:00 بولۇپ قالغانىدى. ئاندۇرۇ پىكاپىنى ھەيدەپ چېكاگودىكى ئەڭ ئاۋات 61 – كوچىغا باردى. ئۇ بىر نەچچە كوچا ئېغىزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر ھۆددىگەر سودىگەرنىڭ ئىشخانىسىدىن تارقىلىۋاتقان چىراغ نۇرىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىردى. ئۆيدىكى شىرەنىڭ ئالدىدا كېچىلەپ خىزمەت قىلغاچقا، چارچاپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بىرى ئولتۇراتتى. بۇ چاغدا ئاندۇرۇ چوقۇم سالماق بولۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئۆزىنى دەڭسىۋالغاندىن كېيىن، گەپنى ئۇدۇللا قىلىپ مۇنداق دېدى:
    _ سىز 10 مىڭ دوللار تېپىشنى خالامسىز؟
    بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھۆددىگەر سودىگەر سەل تەمتىرەپ قالدى. بىراق ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ مۇنداق دېدى:
    _ ئەلۋەتتە خالايمەن! ساراڭ ئادەممۇ باي بولۇشنى ئويلايدۇ بۇ كۈنلەردە ...
    _ ئۇنداقتا ماڭا دەرھال 10 مىڭ دوللارغا چەك يېزىپ بېرىڭ. مەن بۇ پۇلنى قايتۇرغاندا پۇلىڭىزغا 10 مىڭ دوللار قوشۇلىدۇ، - دېدى ئاندۇرۇ ئۇ ئادەمگە، ئاندىن ئۆزىگە قەرز بەرگەن كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ، بۇ سودىغا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىر – بىرلەپ بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاندۇرۇ بۇ ئىشخانىدىن چىققاندا، يانچۇقىدا 10 مىڭ دوللارنىڭ چېكى كۆپەيدى.
    شۇنىڭدىن كېيىن، ئاندۇرۇ ئۇ سوپۇن زاۋۇتىنىڭلا ئەمەس، باشقا تۆت گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتى، بىر پايپاق زاۋۇتى، بىر ماركا شىركىتى ۋە بىر گېزىتخانىنىڭ كونتىرول ھوقۇقىنى قولغا ئالدى. دېمەك، ئاندۇرۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەۋەككۈلچىلىك ئاخىرىدا ئۇنىڭغا غايەت زور ئۇتۇق ئاتا قىلدى.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئائىلە غەلبە