تەنھالىق بىر مېنى قىيناپ تۇرسىمۇ(ئابدۇرىشىت سۇلايمان)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-05 05:29:50

تەنھالىق بىر مېنى قىيناپ تۇرسىمۇئابدۇرىشىت سۇلايمانتەنھالىق بىر مېنى قىيناپ تۇرسىمۇ،كۆرىمەن بەختىمنىڭ چېكىنى ئۇندىن.كۆردۈمكى سانسىز كۆز، تەمسىز لەۋلەرنى،سۆيمىدىم بىر قىزنى تېخى قېنىمدىن.شەپ...

    تەنھالىق بىر مېنى قىيناپ تۇرسىمۇ
    ئابدۇرىشىت سۇلايمان



    تەنھالىق بىر مېنى قىيناپ تۇرسىمۇ،
    كۆرىمەن بەختىمنىڭ چېكىنى ئۇندىن.
    كۆردۈمكى سانسىز كۆز، تەمسىز لەۋلەرنى،
    سۆيمىدىم بىر قىزنى تېخى قېنىمدىن.

    شەپەرەڭ ھوۋلىغان قانخور كىچىدىن،
    كۆردۈمكى مۇھەببەت كېتىپتۇ سېسىپ.
    قوغلىسا ۋېلسىپىت ھېچكىم مىنمىگەن،
    بىر رەززىل كوچىغا كىردىم قىسىتىلىپ.

    بىراۋلار دىدىكى-بولۇپسەن ئاشىق،
    مەن دەيمەن مۇھەببەت يۇقۇملۇق كېسەل.
    بىر توپ قىز نازلىنار پۇلنىڭ ئۈستىدە،
    مۇھەببەت ئۈچۈن ھەي!! بولىمەن قەيسەر.

    تەنھالىق ھىلىھەم قىينايدۇ مېنى،
    سونىدۇ خانەمدە سۈزۈك-سۈزۈك نۇر.
    شائىرغا زىمىندا كۆيىدۇ بىر قىز،
    ھىجرانمۇ شائىرچۈن ئوماق بىر كۆيدۈر.

    شائىرغا زىمىندا كۆيىدۇ بىر قىز،
    شۇ قاقشال يۈرەكلەر تىترەيدۇ بىردىن.
    تەنھالىق ئىچىدە تۇرىمەن ئەسلەپ،
    ۋاپادار قىزلارنى تاپسام زىمىندىن!!!

    تەنھالىق بىر مېنى قىيناپ تۇرسىمۇ،
    يەنىلا سۈكۈتتە كۈتىمەن ۋاپا.
    شەھۋەت ۋە پۇل ئۈچۈن قاتراشلار بەك كۆپ،
    ھەي! قىزلار!!! قەلبىمدە ئۈلۈپ كەتمەڭلار؟!.

    نورۇزنامە

    ئەتىنىڭ كۆزىدىن پارلىنىپ چىقتىم،
    قىش كەتتى قەبرىگە سۆيۈنۈپ كەتتىم.
    نۇرلانغان زىمىننىڭ كۆزى بىلەن تەڭ،
    ئاھ!! نورۇز قەلبىڭگە نۇر بولۇپ ئاقتىم.

    ناخشامغا تەڭكەش شۇ ئاينىڭ يۈزىدىن،
    تىلىدىم تۇپراققا سىم-سىم يامغۇرنى.
    شۇ تەكرار مۇساپە ئىچىدە ئۆزۈم،
    كۆردۈمكى!! كۆڭلى خوش دىلكەش خەلقىمنى.

    كۆردۈمكى!! ئەيھانناس... بەختتە قۇياش،
    ياپيېشىل رەڭ ئېلىش ئالدىدا زېمىن.
    ئىستەكلەر ئەۋجىدە ئوينالغان ساما،
    نەۋرۇز بولۇپ ئاقماقتا سۈزۈك بىر ئېقىن.

    شۇ قەدەر

    شائىرنىڭ ئەڭ شېرىن كۈيلىشى ئارا،
    ئاي يۇيسا چېچىنى چۈشلەر لەززىدە.
    كەپتىرىم قوينىدىن تامغان سالام خەت،
    قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھان گۈزەللىكىگە...
    ئەڭ يۇچۇن يۇسۇندا بەردى بىر ئامەت.

    جان بەرگىن ئاھ!! جىنىم جان بەرگىنا جان،
    تاڭ بەرقى كويىدىن كۆيەي تولغۇنۇپ.
    ئاشىقى يوق زېمىننىڭ تولغىقى ئارا،
    ماناكور!!
    بىر ئەركەك كەلدى ئويغۇنۇپ.

    كۆيمەكتە يۈرىكى جانان نەدە دەپ،
    ئۇ ئۈچۈن ياشىماق ئەجەب بولدى تەس.
    ئەركەكلىك يوقىغان مۇشۇ كۈنلەردە،
    ئېھ!! قىزلار بىزلەرگە قىلماڭلارچۇ قەس.

    سەن قۇشلارنىڭ كۆزىدىكى نۇر
    (قىزىم نەفىسەگە بېغىشلايمەن)

    قۇشلار سەندىن بىر كۈي سورايدۇ،
    كۈي دېگەننى تۇغار پەرىشتە.
    زامان سەندە تۇغۇلغان دەقىق،
    پىرجەڭگىدىن ئويغانغان قەبرە.

    سەن زاماننى تۇققان شۇ كۈندە،
    ئۇياتتا تىترىدى خورما دەرىخى.
    قۇياش كۈلدى، ھاۋا ئانا ھەم،
    ھاياجان ئىلكىدە ئاقتى كۆز يېشى.

    ئاي باقتى ھەۋەستە، تۇغقان ئانىغا،
    مېنىڭدىن يوللاڭلار مۇبارەك سالام.
    بىر نىمجان ئۈلۈكمۇ تاۋۇت ئىچىدىن،
    دەس تۇرۇپ ئاڭلاپتۇ يىغاڭنى بالام.

    سەن قۇشلارنىڭ كۆزىدىكى نۇر،
    كۈلكەڭ بىلەن چىچىلغىن كۆككە.
    زېمىن كۈلسۇن ماڭغان ئىزىڭدىن،
    شۇڭا سېنىڭ ئىسمىڭ نەفىسە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.