رەخىم ياسىن قاينامى:مايىمخان

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-06 21:28:00

مايىمخان قوشىغىرەخىم ياسىن قاينامى مايىمخان،مايىمخان يۈرىكىمنى تېشەر ئوق مەن يوللارغا قارايمەن نۇزۇگۇم يوق،مايىم يوق مايىمخان،مايىمخان ۋۇجۇدۇمنى تېشەر ئوق... ئاسمان يىغلاپ،تاڭ يىغلاپ غېرىپ بول...

    مايىمخان قوشىغى
    رەخىم ياسىن قاينامى

     مايىمخان،مايىمخان يۈرىكىمنى تېشەر ئوق
    مەن يوللارغا قارايمەن نۇزۇگۇم يوق،
    مايىم يوق مايىمخان،
    مايىمخان ۋۇجۇدۇمنى تېشەر ئوق...

     ئاسمان يىغلاپ،تاڭ يىغلاپ
    غېرىپ بولغان بىز دەيدۇ
    ئەنسىز ھوۋلاپ شاماللار
    ئۆچمەيدۇ بىر ئىز دەيدۇ
    مايىم كۈلۈپ:باشسىزمۇ
    پۈكۈلمىگەن تىز دەيدۇ...

    تاغلار سېنىڭ قەلبىڭدۇر
    ئاتلار يىغلار ياراقسىز
    سەندە كەتكەن بىر ئوت بار
    مېنىڭ قەلبىم چىراقسىز

     مايىمخان،مايىمخان
    كەپتىرىمگە بېرەي دان
    مايىمخان،مايىمخان
    جېنىڭغا مىڭ بېرەي جان

     تۈننىڭ چېچى قاپقارا
    ئاسمان ياغار تۈن ئۈچۈن
    بىز ياغىمىز بەتلەرگە
    سۇلۇپ كەتكەن گۈل ئۈچۈن
     ۋەتىنىمىز شامالدۇر
    تىترەپ تۇرغان كۈل ئۈچۈن...

     كەتتى روھنىڭ شاھلىرى
    گادايلاشقان دىل قالدى
    سەن ئالەمنى سورىما
    كېسىلگەن بىر تىل قالدى
    جان كۆكلىگەن جايلاردا
    بابۇر مىنگەن پىل قالدى
     كۆز يېشىمىز بەھرىدە
    دولقۇنلىغان نىل قالدى


     ھەسرىتى بىز ئۇرخۇننىڭ
    ئەقىدىمىز تاش بولغان
    سەن چۈشەندىڭ مايىمخان
    تەن بىر تامچە ياش بولغان
    ئېچىرقىغان بۆرە بىز
    يىلتىز بىزگە ئاش بولغان...

    جەسىتىمىز كىيىمسىز
    ھايا كەتتى جان كەتتى
    روھىڭ بىلەن مايىمخان
    ئانام ياققان نان كەتتى
    ئېيتىپ ئەرك ناخشىسى
    دەريا-دەريا قان كەتتى

     مەن باغرىمنى يارمىسام
    چېچەكلىمەس چايلىرىم
    قولۇم يەتمەس ئاسماندا
    يۇلتۇزلىرىم ئايلىرىم
    ئاتلار ھارغىن پۇشقۇرار
    تۇغۇلمىغان تايلىرىم

    مايىمخان،مايىمخان
    يالقۇن بىزنىڭ جېنىمىز
    مايىمخان،مايىمخان
    دولقۇن بىزنىڭ قېنىمىز...

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 12:23:22]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مايىمخان