بىلىم ئىشقىدا(نىم شېھىت)

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-06 18:23:00

بىلىم ئىشقىدانىم شېھىتجاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتقان بولۇر ئۇ گاھىدا بار يوق.قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،ئەگەر سەن پۇلدىن ئ...

    بىلىم ئىشقىدا
    نىم شېھىت



    جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
    بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتقان بولۇر ئۇ گاھىدا بار يوق.

    قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
    ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ شۇئان تاشلايدۇ ھېچ ھار يوق.

    كىرىپ كەينىڭگە نەپسىڭنىڭ بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
    بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر،ئۇ چاغ سەن كەبى خار يوق.
     
    قۇلاق سالغىن مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادىغا،
    يۇتۇپ زەرداپ،پىراقتىن داد دىمەكتىن باشقىچە زار يوق.
     
    تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئوقۇپ ئىشقى ئەسەرلەرنى ھەردەم،
    قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.
     
    يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزدەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
    خالايىق ئالدىدا يۈرسەم ،مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.
     
    پاراغەت ئىزلىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما،
    سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.
     
    ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
    قەيەرگە بارسا باش قاتماس بىلىمدەك ئاڭا غەمخار يوق.
     
    بىلىمسىز ساق تىنىڭ مەجرۇھ ھەمىشە نالە پەريادتا،
    جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.
     
    بىلىمگە ئاشنا بول ھەم ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول،
    ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىدەك ياخشى گۈلزار يوق.
     
    جاھاننىڭ قايسى يوچۇق_پۇچقىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،
    بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا ھېچ بىر كىمگە ئەغبار يوق.
     
    بىلىم روھى ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ،
    بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس ،بۇنىڭغا ئىنكار يوق.
     
    چاپان ھۆرمەتلىرى چېھقاچان چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
    كېتەر پۇل بىلەن يېقىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە ئەسرا يوق.
     
    چاپان بىلەن ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچى سەن،
    بىلىم ئەسىرى بۈگۈن ،سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.
     
    بۇلاردىن بولغا كەلگەن ئامەت جىننىڭ چۈشى ئوخشاش،
    خىيالى بۇ تىلەكتە سەن كەبى باخشىغا جىندار يوق.
     
    ئۈمۈد قىلما پەلەك ھەرگىز سېنىڭ بەختىڭگە چۆرگىلىمەس،
    بۈگۈن باي،ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق قەرزدار يوق.
     
    بىلىمدىن پەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاھاننىڭ جاپاسىدۇر،
    جېنىڭغا جەبرى قىلماققا بىلىمسىزدەك ھەمكار يوق.
     
    بىلىمدىن ھەممە ئىش روياپقا چىققان بىر ئەسىردۇر بۇ،
    بىلىش لازىمكى بۇ كۈندە بىلىمسىزلەرگە خۇشتار يوق.
     
    بىلىمدىن باتنىڭ نۇرلانمىسا كۆڭلۈڭ گويا قاراڭغۇ تۈن،
    قۇياش نۇرىغا مۇنشىركە پەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق.
     
    زىمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق گۇمان قىلما،
    ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش كەمىكتەك جادۇ-ھەييار يوق.
     
    ئەجەبلەنمە بىلىم نۇرىدا نۇرلانسا كىشى كۆڭلى،
    ئۇنىڭغا كۆكتە،سۇ،تاغ دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق.
     
    بىلىملىك تاغنى باغ ئەيلەشتە ھېچقانداق جاپا كۆرمەس،
    بىلىمسىز قان يۇتار نادان كىشىلەردەك جاپاكار يوق.
     
    ئۆزۈڭنى نىم شېھىت ئۇشبۇ پىكىرگە تەلكىن قۇربان،
    بىلىمدىن رىشتە ئۈزگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.