ئۈجمە ھەققىدە مۇخەممەس(مامۇت زايىت)

يوللىغۇچى : kitap يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-28 11:24:00

ئۇژمە ھەققىدە مۇخەممەس (مامۇت زايت) كى جەننەت گۈلشىنىنىڭ كۆرىكى ھەم سۇلتانىدۇر ئۇژمە،نەجەننەت،بەلكى ئالەم بېغىنىڭ خاقانىدۇر ئۇژمە،تېپىلماس ئاڭا تەڭداش دەل-دەرەخ ،يىگانىدۇر ئۇژمە،پەزىلەت ھەمدە ...

     ئۇژمە ھەققىدە مۇخەممەس
    (مامۇت زايت)


    كى جەننەت گۈلشىنىنىڭ كۆرىكى ھەم سۇلتانىدۇر ئۇژمە،
    نەجەننەت،بەلكى ئالەم بېغىنىڭ خاقانىدۇر  ئۇژمە،
    تېپىلماس ئاڭا تەڭداش دەل-دەرەخ ،يىگانىدۇر  ئۇژمە،
    پەزىلەت ھەمدە بايلىقتا سېخى ،مەردانىدۇر  ئۇژمە،
    ھۈنەر ،سەنئەت،سانائەتنىڭ بىساتى ،كانىدۇر  ئۇژمە.


    ئانا يۇرتۇم دىياردا ئۈسۈشنى ئۇ غورۇر بىلدى،
    ئۇنىڭ تۇپراغىدىن كەۋسەر ئىمشنى چىن ھوزۇر بىلدى،
    بۇ يۇرىتنى بارچە ئىقلىمدىن گۈزەل ھەم پۇزۇر بىلدى،
    جەسۇر خەلقىمنى پەن،سەنئەت،ئىجات بابىدا زور بىلدى،
    ھۈنەرۋەن ئىشچى-پەرھات ،شىرىنى -جانانىدۇر  ئۇژمە.


    ئۇنىڭ خسلەتلىرنى ئەل ئارا بىر-بىر بايان قىلسام،
    ئۇزۇن يىللىق كەچۈرمىش تارىخنى ھەم ئايال قىلسام،
    بۇنى ئۆستۈرگۈچنىڭ شەرىپنى ئاسمان قىلسام،
    ياراتقان تۆھبىسنىڭ تەرىپىنى داستان قىلسام،
    تالاي شائىر ،ئەدىبلەرگە ئىجات ئىلھامىدۇر  ئۇژمە.


    كىرەكسىز ھىچ يېرى يوق بۇ دەرەخنىڭ،دوسىتلىرىم زىنھار،
    ئۇنىڭ تەن گەۋدىسىدىن ياسىلۇر تەمبۇر،غىجەك ،دۇتار،
    يۈرەكنىڭ تۇيغۇسى بولغاي بۇ خىل ساز كۈيىدىن ئىزھار،
    ئاشۇ بايىس بىلەن خەلقىم مۇقامىدا بولدى بىر سەردار،
    مۇزىكا ساز خۇرۇچى ،ئەڭ ئىسىل دۇردانىدۇر  ئۇژمە.


    بۇ يۇرىتتا نەچچە مىڭ يىل ئىگىرى بولغان ھۈنەر پەيدا،
    فارابى ھەم يۈسۈپ ،مەھمۇت كەبى ئۇستاز پەدەر پەيدا،
    بولۇپ لۇتپى ،ئاتايى ھەم قېدىرخاندەك گۈھەر پەيدا ،
    مۇقام كۈي ئىقلىمى قىلدى ئولۇغ كەشىپتىن خەۋەر پەيدا،
     ھۈنەر-سەنئەت بېغىنىڭ ئەڭ قەدىم بوستانىدۇر  ئۇژمە.


    ئۇنىڭ قوۋزاغىدىن خەلقىم ياساپ قەغەزنى دەسلەپتە،
    كى ئاچتى بىر ئىرا تارىخ يولىدا پەندە ،سەنئەتتە،
    بۇ كەشىپ يۇرتۇمنى ئالەمگە تونۇتتى شانۇ،ھۆرمەتتە ،
    تۇغۇلدى كۆپ ئوڭايلىق يۈۆسىلشكە باسمىدا ،خەتتە،
    دىمەك ،قەغەز تەۋەللۇت قىلغۇچى بىر ئانىدۇر  ئۇژمە.


    ئاشۇ قەغەزگە قوندۇردى ئىجات چولپاننى ئەجدات،
    ئاشۇ بائىس بىلەن بولدى ئىلىم-پەن باغلىرى ئاۋات،
    يۇقالماس خەۋىپتىن سەنئەت قۇتۇلدى ،بولمىدى بەربات،
    ئېلىپ دەرىس شاھ ئەسەرلەردىن ،ئۈزۈلمەس باستى ئىز ئەۋلات،
    ئوزاق تارىخى ئەمگەككە گۇۋا-يادنامىدۇر  ئۇژمە.


    بۇ ئۇژمە ياغىچى تارىختا ئەلگە ئوق ساداق بولغان،
    كىيىك ئوۋلاشقا سەييادلار ئۈچۈن قاپقاق -تۇزاق بولغان،
    گىلەمچى دەسىتىگاھى ،تامچىغا ئەندۇ ،قالاق بولغان،
    ئىسىل شاھانە ئوردا ھەم نەقىشلىك ئۆي راۋاق بولغان،
    پۈتۈن تۇرمۇشقا لازىملىق جاھاز-سايمانىدۇر ئۇژمە .

    ئۇنىڭ ياپراقى پىلا قۇرۇتقا ئاش-ئۇزۇق ،ناندۇر ،
    نە ئاشكى ،جىسمىنى ئالەمدە مەۋجۇت قىلغۇچى جانغۇر،
    ئۇ بولغاچقا يىپەكنى كەشىپ ئىتىشكە ئەلگە ئىمكاندۇر،
    شۇ خىسلەتتىن بۇ يۇرىت "كارۋان بۈيۈك"نامىنى ئالغاندۇر،
    يىپەكتە ئەتكۈچى تەمىن جاھان كارۋانىدۇر ئۈژمە.

    بۇ يۇرىتنىڭ پىلە ،مەشۇتى پۈتۈن دۇنيانى لال ئەتتى،
    كى خەلقىم ئالدىدا ھىندۇ ،پەرەڭ قەددىنى دال ئەتتى،
    تاۋار ئەتلەسلىرن كىيگەن گۈزەللەرنى ھىلال ئەتتى،
    ساياھەت سودا ئەھلىنىڭ بۇ يەرگە قەدىمى يەتتى،
    گۇياكى خەلقئارا رىشتە ،كۈڭۈل مەيدانىدۇر ئۇژمە.

    ئۇنىڭكى مىۋىسى شىرىن ،ئەجەپ لەززەت بىرەر تەنگە،
    شىپا ھەر خىل كىسەللەرگە ،بىرەر قۇۋۋەت بىلەك،بەلگە،
    كى ئۆتمۇشتە سېرىق تال كۈنلىرى بولغان غىزا ئەلگە،
    ئىلىنماس ئۇژمىنى يىگەن كىشىدىن ھىچقاچان تەڭگە،
    مۇساپىر ھەمدە يوقسۇزنىڭ ئوزۇق-دەرمانىدۇر ئۇژمە.

    كەچۈردى بېشىدىن ئۇژمە ئۇزاق دەرتلىك زامانلارنى،
    كۈرۈپ سانسىز ئىجادلارنى ،تالاي جايىل نادانلارنى،
    كۈچەت تىككەن كىشى چەككەن ئۇ چاغ پەريات پىغانلارنى،
    بېقىپ ئەجرىدە سەمرىتكەن خۇجا ،ئىشانۇ ،خانلارنى،
    ئۇ تارىخنىڭ مۇناسىپ شاھىدى ،داستانىدۇر ئۇژمە.

    كىلىپ ئازات،بولدى زامان ئىلىم -پەن قايتىدىن جارى ،
    كۈتەردى قەد قەدىم يۇرتنىڭ ھۈنەر -سەنئەت ئىجاتكارى ،
    كۈكەردى ياشىرىپ ئۇژمە ،ئۇنى ئۆستەردى مەرت يارى،
    جىمى ئەل بولدى ساز،ئەتلەس ،ئىسىل مەشۇت خېرىدارى،
    جاھان بازارلىرى ئىچىرە توۋار چولپانىدۇر ئۇژمە.

    بۈگۈن ئۆستى باراقسان تاغۇ -چۆل ،باغلار ئارا باتناپ،
    بولۇپ ياپراقلىرى زۇمرەت ،قېرى غول ،يىلتىزى شاخلاپ،
    قازاندى خەلىقئارا شۆھرەت يىپەك،ساز نۇرلىنىپ چاقناپ،
    بۇ يۇرىتنىڭ مەرتلىرى ماڭدى سەپەرگە چوڭ قەدەم تاشلاپ،
    ۋەتەننىڭ شەرىپى ،ئەلنىڭ غورۇرى ،شانىدۇر ئۇژمە.

    1983 .يىلى خۇتەن.


    [admin تەستىقلىدى . 2010-3-2 12:09:44]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مامۇت زايت ئۈجمە