غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد:ئايغا قاراپ بولدۇم

يوللىغۇچى : elqut يوللىغان ۋاقىت : 2008-05-28 11:56:00

ئايغا قاراپ بولدۇم يالىڭاچ غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت (1) كۆزلىرىمدىن ئارمانىمنى كۆر ،كىرپىكىمدىن كارۋانىمنى كۆر .ئاڭلاپ ھايات قوشاقلىرىنى ،مۇزلاپ قالغان گۈلخانىمنى كۆر . ناماز ئوقۇر جېنىم تېنىمدە ،...

          ئايغا قاراپ بولدۇم يالىڭاچ

     غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت

      (1)

    كۆزلىرىمدىن ئارمانىمنى كۆر ،
    كىرپىكىمدىن كارۋانىمنى كۆر .
    ئاڭلاپ ھايات قوشاقلىرىنى ،
    مۇزلاپ قالغان گۈلخانىمنى كۆر .

     ناماز ئوقۇر جېنىم تېنىمدە ،
    ئىمان ئېيتقان شەيتانىمنى كۆر .
    قايتار ھەممە ھەقكە ، رەھىمگە ،
    قايتىۋاتقان جەريانىمنى كۆر .

    (2)

    بىنالارنىڭ قورسىقى ئاچتى ،
    ئۇسساپ كەتتى كوچا-رەستىلەر .
    قوللىرىنى سوزار «گۇناھ» قا ،
    يۈرەكتىكى گۈللەر ، كەشتىلەر .

     ھۇررا توۋلاپ ئۆتەر كۆلەڭگە ،
    ئەگەشتۈرۈپ جىنلارنى پات-پات .
    ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى ،
    ساۋادسىز بوپ قالدى ئېتىقاد .

     (3)

    ئايغا قاراپ بولدۇم يالىڭاچ ،
    كۈنگە قاراپ قالدىم نائىلاج .
    گۈلگە قاراپ يارىمنى كۆردۈم ،
    تاقىۋاپتۇ خازانلاردىن تاج .


    داپتا بوران ، تەمبۇردا ئىسيان ،
    دۇتار چېلىپ قالدىم بالادا
    . كىيىپ جۇل-جۇل جەندە-كۇلانى ،
    ناخشا ئېيتار كۆڭلۈم تالادا .

     (4)

    تۇرار جايىم بولمىسا مېنىڭ ،
    بارار جايىم باردۇر ئەلۋەتتە .
    ياشار جايىم بولمىسا مېنىڭ ،
    ئۆلەر جايىم باردۇر خىلۋەتتە .

     ياماشقاندەك ئايغا مەجنۇنتال ،
    ياماشارمەن يارغا يا دارغا .
    تاڭلا باھارىم بولمىسا مېنىڭ ،
    قانداق دەسسەي گۇناھسىز قارغا ؟!
    مەنبە:<<يېڭى قاشتېشى>>ژورنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق