لېرىكىلار( مۇختار بۇغرا)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-18 20:11:00

سۆيگۈ تۇمارى كار قىلمىدى سۆيگۈ تۇمارى، پالاكەتكە يولۇقتۇم ئودا. پەيت قاچتى، بەخت قاچمىسۇن، پاناھىڭدا ساقلىغىن خۇدا. سوۋغا قىپسەن بوغۇلغان ناخشا، تۇمار ئەمەس، بىر بويۇنتۇرۇق. بۆرىكىستان دېگىنىڭ يال...

    سۆيگۈ تۇمارى كار قىلمىدى سۆيگۈ تۇمارى،

    پالاكەتكە يولۇقتۇم ئودا.

    پەيت قاچتى، بەخت قاچمىسۇن،

    پاناھىڭدا ساقلىغىن خۇدا.

    سوۋغا قىپسەن بوغۇلغان ناخشا،

    تۇمار ئەمەس، بىر بويۇنتۇرۇق.

    بۆرىكىستان دېگىنىڭ يالغان،

    سۆيگۈمىزنىڭ يىلتىزى قورۇق.

    تۇمار، بەخت، بۆرەك دېگەنلەر،

    ئۈزۈل- كېسىل ھالاكەت بولۇش.

    قاقشال پىكرىم مېغىزلانغاندا،

    قىڭغىر كۈيلەر كەلدى تۇشمۇ تۇش.

    بۇ ھاياتبۇ ھايات چىرايلىق سىرلانغان بۆشۈك،

    لېكىن، ياغىچىنى يەپ كەتكەن قۇرت.

    بۇ ھايات تىپتىنىچ ھىندى ئوكياندۇر،
    جەنۇبىي ئاسىيانى باسقان ئۇشتۇمتۇت.
    بۇ ھايات ياشلىققا قارا خاتىمە،
    گاھىدا كۆرۈنەر ئاق يولنىڭ ئۇچى.
    بۇ ھايات گاھىدا غۇلجا ھەسىلى،
    گاھىدا تەرلەتكەن يەكەننىڭ مۇچى
    بۇ ھايات كېسەللىك يوشۇرۇنغان تەن،

    رەڭگارەڭ پۇراقلىق بىر دورىخانا

    بۇ ھايات مۇنتىزىم تاللا بازىرى،

    ئۇندا قالايمىقان قويۇلغان باھا

    بۇ ھايات تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگۈچى،

    چوكان قولىدىكى ھەم يەرلىك تۇخۇم

    بۇ ھايات ئۇنتۇلغان كلاسسك شېئىر,

    ھەم بۇغرا يازمىغان يېپيېڭى بوغۇم.

    مەنبە: تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ2005.2 -سانىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق