تۆگە ئىزدەۋاتقان ئادەم(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-27 10:16:30

تۆگە ئىزدەۋاتقان ئادەمئادىل تۇنىيازتۆگىنى بازاردىن ئىزدەيدۇ.بوتا كۆزلۈك قىز دەيدۇ:-قارىما لوكامغا بوتلىقىم بار،بار مەن سۆيگەن چىن ۋاپادار يار!تۆگىنى كىتابتىن ئىزدەيدۇ،دەيدۇ ئېگىز توپا دۆۋىسى:...

    تۆگە ئىزدەۋاتقان ئادەم
    ئادىل تۇنىياز


     
    تۆگىنى بازاردىن ئىزدەيدۇ.
    بوتا كۆزلۈك قىز دەيدۇ:
    -قارىما لوكامغا بوتلىقىم بار،
    بار مەن سۆيگەن چىن ۋاپادار يار!
     

    تۆگىنى كىتابتىن ئىزدەيدۇ،
    دەيدۇ ئېگىز توپا دۆۋىسى:
    -مازار چالما ئاتما، چۆككىلى قوي،
    ئەي، ئۈلۈمدىن پاكىنەك كىشى!
     

    تۆگىنى كىتابتىن ئىزدەيدۇ،
    كىتابتىكى جىگىدە  تۈۋىدە
    يازغۇچى يالىڭاچ ئوڭدا يېتىپ
    باغلانجىسىنى قويۇۋېتىپ
    تۆگىلەرنى چۈشىمەكتە جىق.
     

    مۇقەددەس كىتابتىن بىر تۆگە چىقتى،
    قورقۇپ تۆگىچى جان-پېنى چىقتى.
     

    تۆگە ئىزدەيمەن ئۇيغۇر تىلىدا
    بىر توپ بالا چۇرقىراشماقتا:
    -قاراڭلار، تۆگىسىنى تاپالماي كەپتۇ
    باياملا تۆگىلىك ئۆتكەن ئادەم شۇ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.