مۇنداق ياشايمەن(ئابلىز ئۆمەر)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-30 16:39:00

مۇنداق ياشايمەن (ئابلىز ئۆمەر) مېھرىبان،غەمگۈزار،سۆيۈملۈك دادا، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن. بالىلىق بۇرچۇمنى قىلىمەن ئادا، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن. مېنى چوڭ قىلغۇچە تارتتىڭ...

      مۇنداق ياشايمەن

    (ئابلىز ئۆمەر)

        مېھرىبان،غەمگۈزار،سۆيۈملۈك دادا، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.
    بالىلىق بۇرچۇمنى قىلىمەن ئادا، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

    مېنى چوڭ قىلغۇچە تارتتىڭ كۆپ جاپا، ئاڭلىدىڭ بەزىدە تەنە ۋە تاپا .
    دەردىمدە يۈردۈڭسەن ھەمىشە خاپا، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

     يېمىگەن تائامنى تېپىپ يىدۈردۈڭ، كېيمىگەن كىيىمنى تىكىپ كىيدۈردۈڭ.
    بۇينۇڭغا ھاپاشلاپ دائىم مىندۈردىڭ، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

    تاپانغا كىرسە گەر شوخا ياكى تىكەن، كىرپىكتە ئالدىڭ سەن ئاغرىتماي بەلەن.
    دادىنىڭ شەپقىتى بەختىيار ۋەتەن، سېنىڭدىن ئايرىلىپ ئوبدان ياشايمەن.

    مەن ئاغرىپ قالغاندا پەرۋانە بۇلۇپ، دورىغا پۇل سوراپ دىۋانە بولدۇڭ.
    مەن ئۈچۈن ھەر ياندا سەرسانە بولدۇڭ، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

     مۇبادا مۇشتلاشسام يارامنى تاڭدىڭ، <ھېچ گەپ يوق،بالام>دەپ كۆڭلۈمنى ئالدىڭ.
    دەۋالار ئۇلغايسا ئۇياتقا قالدىڭ، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.


     باشتىلا سالدىڭ سەن ئاغزىمغا ئىلىم، مەكتەپكە بەردىڭ سەن ئالسۇن دەپ بىلىم.
    بارغانچە يورىدى قاراڭغۇ دىلىم، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

     ھەتتاكى بالىلىق بولغان چاغدىمۇ، مەن سېنى قويدۇم كۆپ ھىجران،داغدىمۇ،
    مەست-ئەلەس يۈردىممەن باغۇ تاغدىمۇ، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن .

    قىلغان شۇ ئىشىمغا ئۆزۈم بەك خىجىل ، ھەسرەتلىك ياشلارغا تولدى جۈپ كۆزۈم.
    كاپالەت بېرىمەن،بۇ راست،چىن سۆزۈم، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

    پۇشايمان ئالغىلى قاچا-ئىدىش يوق، پەيىت قىستاپ كەلدىغۇ،ئەمدى تىنىش يوق.
    بىر ئالدىغا قارايمەن،زىنھار يىنىش يوق، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

    جان دادا،سەن بىلەن بىللە ئۆتىمەن، مېھماننى كۈتكەندەك ياخشى كۈتىمەن.
    ھالىڭغا ھەر دائىم جەزمەن يېتىمەن، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

     سۇ دېسەڭ،زەمزەمنى قۇيۇپ بېرىمەن، گۆش دېسەڭ پاقلاننى سويۇپ بېرىمەن.
    قوغۇن ھەم تاۋۇزنى ئويۇپ بېرىمەن. سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

    گەر كېسەل بوپقالساڭ،داۋاسى مەندىن، قان لازىم بوپقالسا بېرىمەن تەندىن.
    ھېچ خىجىل قىلمايمەن پۇلدىن،چىمەندىن، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

    ئىش-ئوقەت بولسىلا .ئوبدان ئىشلەيمەن، مېھنىتىم-ئەجرىمدىن خامان چىشلەيمەن.
    نان يېسەم،ھالاللاپ ئاندىن چىشلەيمەن، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

    تۆھپىكار بولىمەن ھەر بىر چېلىشتا، نەمۇنە بولىمەن ئىجادتا، ئىشتا.
    جاپانى يېڭىمەن تومۇزدا، قىشتا، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.

    گەر قازا قىلساڭ سەن مەندىن ئايرىلىپ، سۇنىدۇ قانىتىم شۇ دەم قايرىلىپ!.....
    قەلبىمدە تۇرىسەن ھەر دەم يادلىنىپ، سېنى ھېچ ئۇنتىماي، ئوبدان ياشايمەن.

     باسىمەن ھاياتتا سېنىڭ ئىزىڭنى ، چوڭ ئالىم قىلىمەن نەۋرە قىزىڭنى.
    ئاقلايمەن مەڭگۈگە بەرگەن تۇزۇڭنى، سېنىڭدىن ئايرىلسام ،شۇنداق ياشايمەن.

     گېپىمدە تۇرمىسام ،بالام دىمىگىن، ۋەدەمنى قۇرۇق سۆز-كالام دىمىگىن.
    ئۇ دۇنيا -بۇ دۇنيا سالام دېمىگىن، سېنىڭدىن ئايرىلسام،شۇنداق ياشايمەن.

     (شائىر مەخمۇت مۇھەممەتنىڭ «مېنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن»ناملىق شېئىرىغا مۇئاشىرە).

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئابلىز ئۆمەر