چوغ ئوينىغان قىز(ئابابەكرى توختى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 05:49:48

چوغ ئوينىغان قىزئابابەكرى توختىمۇساپەبىز شۇنچە يىراقتا تۇرىمىز يېقىن ،ھىجراننىڭ كەينىدىن قوغلار سېغىنىش .ئالدامچى باھارنى ئالغاندا كۈتۈپ ،قارىچۇقلار سەتھىدىن مارىلايدۇ قىش .كېتىسەن ئۈن-تىنس...

    چوغ ئوينىغان قىز
    ئابابەكرى توختى


    مۇساپە

    بىز شۇنچە يىراقتا تۇرىمىز يېقىن ،
    ھىجراننىڭ كەينىدىن قوغلار سېغىنىش .
    ئالدامچى باھارنى ئالغاندا كۈتۈپ ،
    قارىچۇقلار سەتھىدىن مارىلايدۇ قىش .

    كېتىسەن ئۈن-تىنسىز مەن بىلمەس جايغا ،
    قان قىلىپ قەلبىڭنى بەخت قايغۇسى .
    كېلىسەن ئۈن-تىنسىز مەن بىلمەس جايدىن ،
    ئىزىڭدىن ئۈنگىنى ياشلىقنىڭ چۈشى!

    بەك ئۇزاق مۇساپە ياسايدۇ سۆيگۈ ،
    بەك يېقىن بولسىمۇ بىزنىڭ ئارىمىز .
    مەن سەندە ئۆزۈمنى تاپالماي سەرسان ،
    سەن مەندە ئۆزۈڭنى تاپساڭمۇ ئەي قىز.. .

    ... گە بېغىشلانغان ئۈچ شېئىر

    (1)

    گۈل ئەمەسسەن ئېچىلىپ تۇرغان ،
    بىراق
    ھىدلايمەن خۇشبۇي ھىدىڭنى ھامان .
    قۇياش ئەمەسسەن ،
    قۇياش سەندىن چىقار مەن تامان .

    كۈي ئەمەسسەن ،
    كۈيدەك يېقىملىق ،
    ئاۋازىڭ بار قۇلاق تۈۋىمدە .
    مۇساپىرمەن ئەزىزىم
    سۇمبۇل چېچىڭ تۇغقان كېچىدە .

    شېئىر ئەمەسسەن ،
    ئەمما بىر شېئىر
    يېزىلىدۇ قەلبىمدە ئەبەد .
    ئۇنىڭ سۈزۈك كۆز ياشلىرىدا ،
    يالتىرايدۇ تۇنجى مۇھەببەت .
    (2)
    «ر» دېگەن تاۋۇشتا رەڭلىنەر ئۇپۇق ،
    يۈرىكىم ئۇنىڭغا يېيىلغان بۇلۇت .
    «ئى» دېگەن تاۋۇشتا ئىشەنچ كۆۋرۈكى ،
    ئۇچرىشىپ قالىمىز گاھى ئۇشتۇمتۇت .

    «ز» دېگەن تاۋۇشتا زۇلەيخا ھۆسنى ،
    يۈسۈپنىڭ قەلبىگە يېقىپ تۇرار ئوت .
    «ۋ» دېگەن تاۋۇشتا ۋاپا مەۋسۇمى ،
    باھاركى بۇ مەۋسۇم ، بولماس ئەسلا جۇت .
    «ئا» دېگەن تاۋۇشتا ئارزۇلار چېھرى ،
    بۇ ئارزۇ چىللايدۇ پاك سۆيگۈگە قۇت .
    «ن» دېگەن تاۋۇشتا ناشودلۇق لەيلەر ،
    پايانسىز ھىجرانغا قىلغانچە سۈكۈت .
    ئۈرۈمچى ئۆستۈردى شۇنداق بىر قىزنى ،
    مۇھەببەت تەختىگە قىلىپ مەئبۇت .
    (3)
    مىڭ ئىرا ئاۋۋالقى سېغىنىشىمنى ،
    ھە ، بۈگۈن كۈز پەسلى كۆمگەندە غازاڭ .
    ساقىغان يۇلتۇزنىڭ بولۇپ ئارمىنى ،
    نە ئۈچۈن سۆيگۈدىن ئاچىسەن پاراڭ؟

    كۈتكىنىم پەقەتلا ئاددىي بىر نەرسە ،
    ئۇ ئەمەس مۇھەببەت ۋە ياكى غەزەپ .
    ئەيىبلەش بىھۇدە ئۆتكەن كۈنلەرنى ،
    تۆكسەممۇ يېشىمنى ساڭا ئېسەدەپ .

    قانداقمۇ ئىزاھلاش مۇمكىن ئىنسانغا ،
    ئىنساننىڭ ئەڭ ياۋۇز قىلمىشلىرىنى .
    كەتكەنمەن ئۆزۈمنى تاشلاپ بۇ يەردىن ،
    كۆرگەندە باغرىڭدا باشقا بىرىنى.. .

    قار چېچەكلىرى

    يۈرەككە ياغماقتا قار بولۇپ جەبر ،
    گۈلدەك ئېچىلىشنى ئۇنتۇشۇم كېرەك .
    دۇنيا قارار ئەمدى سوغۇق كۆزىدە ،
    سوغۇق قارار ئەمدى ھەتتا كېلەچەك .

    دەرەخلەر ساناپ بولدى ئۇچقان تۇرنىنى ،
    يۇمران قانىتىدا باھارنىڭ خېتى .
    لېۋىم ئۇپۇقىدىن ئۆچتى ۋە يەنە ،
    سۈبھى يۇلتۇزىدەك سۆيۈش سەنئىتى .

    بۈگۈن مەن سەن ئۈچۈن يىرتىپ تاشلىغان ،
    ئاداققى ئۈمىدلەرنى تېرىمەن پەقەت .
    ھالسىز كۆمەر ئۇنى قار چېچەكلىرى ،
    ھالسىز كۆمەر ئۇنى تۇنجى مۇھەببەت.. .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.