ئايرىلمىغىل (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-17 02:05:56

ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،تاغۇ تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمى...

    ئايرىلمىغىل

    ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،
    ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.


    مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
    تاغۇ تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.


    ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،
    شىر نە يا يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.


    تۆت تەرەپ ياۋ ھوۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
    ئېلىشىپ قانغا بويال، نومۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.


    كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
    بۇ نېچۈك بولغاي كىيىن دەپ، يوق خىيالغا قالمىغىل.


    سەن ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
    بول جەسۇر، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.


    ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،
    ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.

    1929-يىل

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.