كېچەلمەيمەن(ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر)

يوللىغۇچى : abduhelil يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-12 13:14:11

كېچەلمەيمەنكېچەلمەيمەن ھېچ نىمەمدىن سىنى دەپ،تارتقىن ئىشىق قىلىچىڭنى بېشىمدىن.ئۆمۈچۈك تور تارتقان ئاددى ئۆيۈمگە،كۈيۈپ تۇرغان گۈلخان مەن ئىچ-ئىچىمدىن.غېرىپلىق تۆت تامدىن تامچىپ تۇرسىمۇ،چۆكەلم...

     




      

    كېچەلمەيمەن

     

    كېچەلمەيمەن ھېچ نىمەمدىن سىنى دەپ،

    تارتقىن ئىشىق قىلىچىڭنى بېشىمدىن.

    ئۆمۈچۈك تور تارتقان ئاددى ئۆيۈمگە،

    كۈيۈپ تۇرغان گۈلخان مەن ئىچ-ئىچىمدىن.

     

    غېرىپلىق تۆت تامدىن تامچىپ تۇرسىمۇ،

    چۆكەلمەيسەن سەن ئۇندىكى سىرلارغا.

    تەكچىلەرگە كەڭ يېيىلغان نەقىشلەر،

    زەپ ئوخشايدۇ ئاتام باسقان ئىزلارغا.

     

    يېقىلسا ئوت ئانام كۆرگەن ئوچاققا،

    بەخىتنىڭ چىن ھۇزۇرىدا قاينايمەن.

    شەربەتلەرنى لىق تولدۇرۇپ جاملارغا،

    تۈكۈپ كۈيلەر دۇتارىمدىن سايرايمەن.

     

    ئىشىك ياپسام تەنھالىقتا كىچىگە،

    نۇر تۈكۈلەر ئاتام ياققان چىراقتىن.

    شىرىن چۈشلەر قاينىمىدىن دۇر سۈزۈپ،

    يىشىلىمەن جاننى ئەسكەن پىراقتىن.

     

    ئايلانساممۇ تۇپىسىغا بۇ ئۆينىڭ،

    ئىشقىم زىنھار يىراقلارغا چېچىلماس.

    مەندىكى پاك سۆيگۈلەرنىڭ مەناسى،

    سەن يايرىغان شەھەرلەردىن تېپىلماس.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.