خاراپ ئەتمە

يوللىغۇچى : ALYOL يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-03 11:46:34

بىر نەرسە بار زامانەڭدە ئەي ئۇلۇغلار،ھۆكۈمرانلىق ئاۋام پۇقرا بىر مەقسەتتە چاغلىغىن...

                     خاراپ ئەتمە

    بىر نەرسە بار زامانەڭدە ئەي ئۇلۇغلار ئاڭلىغىن،
    ھۆكۈمرانلىق ئاۋام پۇقرا بىرمەقسەتتە چاغلىغىن.
    ئەلنىڭ رايى ھىچ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈر بىل ساپلىغىن،
    ھىلە-مىكىر سىياسەتلىك چىرىكلىكنى باغلىغىن.

    بوشلۇق بەرگىن ئاۋام خەلق ھۆكۈمىڭدىن چەتنىمىسۇن،
    ئختىيار قىل تەنتىگىڭنى ئەلگە نادان چەيلىمىسۇن.
    رايىشلىقنى تاپاي دىسەڭ دانىشمەن بار خەلق ئىزلە،
    باي-باياشات دەۋر سېنىڭ دۈشمەن يامان ئەيلىمىسۇن.

    ھۆكۈمىڭنى تۇتماق بولساڭ قوي ئەخمەقلىق خەلق سېنىڭ،
    ئېھتىياجغا زاكات بەرسەڭ بۇ بىر دۆلەت بەخت سىنىڭ.
    زالالەتكە پاتماي دىسەڭ ئەمما ئىنەك خەلق ئەمەس،
    قان شۇرۇغۇچ قۇرۇت كەبى كېسەل يوقتۇر داۋا بۇنىڭ.

    راۋا ئەيلە ئۆزۈڭ كەبى  پۇقرايىڭنى  ھۆر ئازاد تۇت.
    ئەنسىرەش يوق قورقما ئۇنىڭ مايىللىقى سەندە بولسا.
    كاساپىتى چىقار چاققان قولۇڭ دىلى بولسا ئەگرى  ،
    سۈكۈت قىلما ئەتراپىڭغا ئاۋام ساڭا ھەرخىل باقسا.

    دانىشمەننىڭ تىلى چۈچۈك ئەل بالىسى قورۇقماس ھىچ نە،
    تۈلىكىلەرنى توپلىمىغىن زامانەڭگە قادىر بولساڭ.
    ۋەتەن سۆيگەن سېنى سۆيەر ئادىل خەلق قاغان بولساڭ،
    ھىچ كۈچلۈك يوق بۇندا كەبى خەلق نامرات ئەيلىمىسەڭ.

    سىياسەتنى تۈزسەڭ ئاۋل غەىنەڭ دۇرغاڭ  يىراق تۇرسۇن،
    ئارغامچاڭنى داناغا بەر  ئۇنى خەلق ئۆزى تاپسۇن.
    ئەيىپى يوق، ھىچ نەرسە يوق خەلق سۆيسە ئۆزى ياپسۇن،
    شۇلا قۇدرەت ئاۋام كۈلسە بۇنى ئەقىل ئۆزى چاپسۇن.

    تىلە بەخت ئۆزەڭمۇ شۇ  تاجۇ تەختىڭ ئەل كۆتەرسۇن،
    ۋاجىب ئەتمە ئۆزەڭگە بىر تىكەن كەبى ئەلگە يىڭنە.
    سانجىلىمىسا ئاغرىمايدۇ ئالىمى كۆپ زامان تاپساڭ،
    مۇدھىش تىن ئەنسىرەش يوق ئۇنى باشقا ئەلدىن كۆرسەڭ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر زامان ئاۋام