شېئىرلار(مۇنەۋۋەر مۇختەر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-01 23:44:42

شېئىرلارمۇنەۋۋەر مۇختەرئېيتىلمىغان سۆزلەر- سۆزۈم بار دەيسەنۇ، لېۋىڭ يۇمۇقلۇق، ئاڭلانماس بىر تىۋىش، قەلبىمدە گۇمان. گۇگۇمنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدىن، ئۈزۈلۈپ چىقماقتا قورقۇنچۇم ئاستا، بولدى بەس...

    شېئىرلار
    مۇنەۋۋەر مۇختەر


    ئېيتىلمىغان سۆزلەر

    - سۆزۈم بار دەيسەنۇ، لېۋىڭ يۇمۇقلۇق،
    ئاڭلانماس بىر تىۋىش، قەلبىمدە گۇمان.
    گۇگۇمنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدىن،
    ئۈزۈلۈپ چىقماقتا قورقۇنچۇم ئاستا،
    بولدى بەس، يولۇمنى توسمىغىن ئەمدى،
    دوستلۇقنىڭ سەۋرىنى يۇتمىسۇن تۇمان!

    - سۆزۈمنىڭ كۆپلۈكى بەرھەق راست بىراق،
    بارچە سۆز بوغۇزغا كەپلەشتى بۇ دەم.
    لېۋىمنىڭ تىترىكى بېسىلماي ئەجەب،
    كۆزۈمگە سىڭمەكتە ئالەمچە ئەلەم
    ئېيتىشنىڭ تەسلىكى - ھېسنىڭ چىنلىقى،
    ئەتراپنىڭ جىملىقى - سۆزنىڭ جىقلىقى...
    نېمىشقا چۈشەنمەي قالىسەن قېيىداپ؟
    توختىغىن، كەتمەككە تاشلىما قەدەم...

    - سۆزۈم بار ساڭىمۇ، بىلەرسەن بەلكىم،
    ھەر زامان دىلىمدا يادلىنار خەلقىم،
    ئارمىنىم كۈلمىدى، يولۇم ھەم ئۇزاق،
    ئەقلىمنى بۆلۈشتىن مەن تېخى يىراق.
    شۇ سەۋەب يول بەرگىن، سۆزلىمە زىنھار
    غايەمدە ياشاي مەن تاپاي ئۆز ئەركىم...

    - بىلىمەن، ئۆزۈمنى تۇتالماي ئەستا،
    قىزارغان يۈزۈڭدىن ئىزدىدىم مەنە...
    ئارمىنىڭ مېنىڭمۇ ئارمىنىم ئەسلى،
    قاراپ باق يولۇڭغا، ئىزىممۇ ھەم بار.
    ساقلاشنى ئويلىغان سىرىمنى مەڭگۈ،
    چىدالماي قالدىمغۇ كۆيۈككە ئەمما.
    كەچۈرگىن، سورايمەن پەقەت بىر سوئال،
    كۈتەمسەن ئاخىرقى مەنزىلدە مېنى؟
    ياشلىقتىن-سۆيگۈمدىن تامدۇرسام ئەجىر.
    ماكانىم بولارمۇ بىزگە كەڭ سەينا؟...

    - ۋاقىتنىڭ قۇغدرىتى بەرگۈسى جاۋاب-
    ھەممىگە، ئالدىراش تەنتەكلىك خالاس،
    دېمەيمەن كۆڭلۈڭنى ماڭا بەر پۈتۈن
    يۇرتۇم دەپ كۆيسەڭلا ھەممىدىن ئاۋۋال
    كۈتىمەن دېيىشمۇ بىھاجەت ئاڭلا
    مۇھەببەت كۆزۈمدە تاپقۇسى كامال!

    - بىرمۇ سۆز قىلمىدىم، سەنمۇ ھەم شۇنداق،
    ۋە لېكىن سەزگۈمىز سىرداشتى پىنھان...
    كەل جانان، قولۇمدىن قاچۇرما قولۇڭ،
    گۇگۇمنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدىن-
    ئوت كەبى چىقماقتا كۈچلۈك ھاياجان!!!

    - ئۆتۈنەي، كېتىمەن ئۇزاتما مېنى،
    قويۇۋەت قولۇمنى قالىمەن رەنجىپ!
    تىمتاسلىق ئىچىدىن غايەم ئۈندىشى
    قەلبىمنىڭ يېشىنى كەلمەكتە كېچىپ!

    بۇ شۇنداق بىر سۈرەت-تاتلىق ئەسلىمە،
    ئېيتمىغان سۆزلەردىن بارمىدۇر يەنە؟
    قىز تەمكىن يېگانە كېتەر يىراقلاپ-
    سىڭىدۇ يىگىتنىڭ مۇڭلۇق چۈشىگە...
    ئىجتىھات بەيگىسى چالىدۇ سىگنال
    ئېھتىمال ساقلايدۇ ئۇلارنى بۇ تۈن
    يىللارنىڭ مەڭزىدىن تاكى ئۆچكىچە...

    يازنىڭ ئاخىرقى كۈنى

    قەدىم سىما - قەدىم بۇلاق بويىدا يالپۇز،
    ئاللىقاچان بېلىقلارغا يەم بولغان نىدا...
    يىراق-يىراق پىچىرلاشتىن ھالقىغان كېچە،
    سوغۇق ياشنى ئۆز قوينىغا تۆكىدۇ جىرا...

    سەھەر چۈشى ئۆكسۈيەلمەس غايىب سادادا،
    مۆكۈشمەكتىن زېرىككەندۇر سەزگۈر ئېھتىمال.
    يىرتىلغان بەت پارچىسىغا ئوخشايدۇ ئەجەب،
    تۈن بەرگىدىن نىگاھىمغا ساقىغان ھىلال.

    خاتىرەمدە كۈلگەي يازنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
    ئۇ بىر مۇسبەت - مەڭگۈلۈكتىن شۇنچە ئۇزاقتا
    كۈز مەپىسى باشلاپ كېتەر ئېزىققان نۇرنى،
    مەن قالىمەن ئىلتىجانى سىلكىپ بۇ ياقتا...
    ھەسرىتىمدە ئۇخلار يازنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
    ئۇ بىر كەمسۆز ياۋاش ئۆزلۈك ماڭا بەك يېقىن،
    كۈز خوشلۇقى باشلاپ كېتەر سەرگەردان قۇشنى،
    مەن قالىمەن بولۇپ شۇنداق -
    مۇڭلۇق بىر چېقىن!

    قەدىم يارا - قەلئەلەردىن قالغان بىر كېسەك،
    ئاللىقاچان بورانلاردا يوقالغان ئۈنسىز...
    كەچمىشلەردىن،  قىسمەتلەردىن ھالقىغان مەستلىك
    ئەتە بىلەن مۇڭدىشىدۇ ھارغىن بۈگۈنسىز.

    نامازشامگۈل ئېچىلغان شۇ خىلۋەتلىكىمدە،
    گۇگۇم تۈسى ئۆزگىرىدۇ ئويچان كۈلۈشكە.
    يىرتىلغان تۈن يوشۇرالماي يۇلتۇزلىرىنى،
    بەلكىم كېتەر تاغ كەينىدە جىمجىت ئۆتۈشكە!

    كىرپىكىمدىن تامار يازنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
    ئۇ بىر پاكلىق - مەغرۇرلۇقتىن باشلانغان تامام.
    كۈز غەلۋىسى باشلاپ كېتەر شەبنەملىرىمنى،
    مەن قالىمەن سەپىرىمنى قىلماققا داۋام!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.