ئۆزۈمنى ئىزدەش

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-12 22:58:09

ئۆزۈمنى ئىزدەشساداقەتجان ھاجىئىلگىرى ۋاز كەچكەن بولسام نىمىدىن،شۇنىڭغا ئېرىشمەك بولدۇم يېڭىدىن.ئوقۇدۇم «مەڭگۈتاش»، «ئوغۇزنامە»نى.ھىس قىلدىم چاقماقنى، گۈلدۈرمامىنى.ئات سالدىم كۆك ب...



     

    ئۆزۈمنى ئىزدەش


    ساداقەتجان ھاجى


    ئىلگىرى ۋاز كەچكەن بولسام نىمىدىن،
    شۇنىڭغا ئېرىشمەك بولدۇم يېڭىدىن.

    ئوقۇدۇم «مەڭگۈتاش»، «ئوغۇزنامە»نى.
    ھىس قىلدىم چاقماقنى، گۈلدۈرمامىنى.

    ئات سالدىم كۆك بۆرە ئىزىنى بويلاپ،
    تېخىمۇ كەڭرى بىر دۇنيانى ئويلاپ.

    ئوقۇدۇم مەھمۇدنىڭ كىتابىنىمۇ.
    ئاڭلىدىم يۈسۈپنىڭ خىتابىنىمۇ.

    زوقلاندىم نەۋايى غەزەللىرىدىن.
    «خەمسە»نىڭ ۋاپادار گۈزەللىرىدىن.

    مەردانە مەشرەبكە كۆڭلۈمنى بەردىم.
    زەلىلى بېغىدىن گۈللەرنى تەردىم.

    مەي ئىچىپ قانغۇچە مۇقام جامىدىن،
    يايرىدى ۋۇجۇدۇم مەي ئىلھامىدىن.

    نۇرلاندى نۇزۇگۈم روھىدىن دىلىم.
    ھىس قىلدىم ئۇنىڭسىز بەختىمنى يېرىم.

    ئۆگەندىم سادىردىن قوشاق قېتىشنى.
    ئارمانلار ۋەسلىگە قانداق يېتىشنى.

    ئويغاندىم ئۇيغۇرنىڭ دالالىتىدىن.
    ۋاز كەچتىم ئۇيقۇنىڭ ھالاۋىتىدىن

    يول تاپتىم تەۋپىقنىڭ ھىدايىتىدىن.
    قۇتۇلدۇم نادانلىق قىيامىتىدىن.

    ئۆزۈمدىن ئىزدىدىم ئۆزۈمنى ئاخىر.
    قارىسام ئىكەنمەن ئۆزۈم جاۋاھىر.

    شەرەپكە لىق تولغان ئىكەن كەچمىشىم.
    نىمىشقا كۆپ يەنە بۈگۈن تەشۋىشىم؟

    نىمىشقا ئۆزۈمدەك بولمايمەن ئۆزۈم؟
    نىمىشقا يەرگىلا قارايدۇ كۆزۈم؟

    نىمىشقا روھىمنى غەپلەت باسىدۇ؟
    قەلبىمنى پۇشايمان، ھەسرەت باسىدۇ؟

    نىمىشقا تارىمنى قۇملار باسىدۇ؟
    كۆڭلۈمنى ئاداۋەت-غۇملار باسىدۇ؟

    نىمىشقا بۇلغۇنۇپ كېتىدۇ تۈمەن؟
    قېنى ئۇ مەن خۇشال ئوينىغان چىمەن؟

    قېنى ئۇ جاۋاھىر؟ قېنى ئۇ شەرەپ؟
    بۈگۈنكى ھالىمغا ئىزدىسەم سەۋەب:

    ھىچكىمدە ئەمەسكەن، ئۆزۈمدە ئىكەن.
    غۇنچىدەك باغرىمغا سانجىلغان تىكەن...

    شۇڭلاشقا ۋاز كەچكەن بولسام نىمىدىن،
    ئىزدىشىم كىرەكتۇر شۇنى يېڭىدىن.

    تېپىشىم كېرەكتۇر ئۆزۈمنى ئاخىر!
    بولۇشۇم كېرەكتۇر مەنمۇ جاۋاھىر.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (2001-يىل 4-ئاي. قەشقەر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 2001-يىل 22-ماي)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.