تۇماندىكى باھار( چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-05 10:22:00

تۇماندىكى باھار (چىمەنگۈل ئاۋۇت) بىر سائەت توختىغان پويىز ئالدىغا، بىر ئوچۇم يېشىمنى ئېلىپ چىقمىدىم. قولۇمدا قىلىچ بار ساڭا ساقلىغان، ياندۇرۇپ باغرىمغا يا بىر تىقمىدىم. مەن سېنى ئەجەپمۇ سېغىندىم...

    تۇماندىكى باھار

    (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

     

    بىر سائەت توختىغان پويىز ئالدىغا،

     بىر ئوچۇم يېشىمنى ئېلىپ چىقمىدىم.

    قولۇمدا قىلىچ بار ساڭا ساقلىغان،

    ياندۇرۇپ باغرىمغا يا بىر تىقمىدىم.

     

    مەن سېنى ئەجەپمۇ سېغىندىم جېنىم،

     لېۋىمنى چىشلىدىم قاناپ كەتكۈدەك .

    سەن بەلكىم ئولتۇرسەن پۇتۇڭنى سوزۇپ،

     ئىچىمدە قاينايدۇ ئىسسىق بىر تىتىرەك.

     

    كەچ بولدى قار ياغدى خىياللىرىمغا،

     ئايدىڭدەك پارلىدى نۇرلاندى ئەتراپ.

     ئۇيالدىم ئۆزۈمچە قىلىقلىرىمدىن،

     چېچىمنى تارىدىم ئەينەككە قاراپ.

     

    ئېسىمگە كەپ قالدى يانۋار ھارپىسى،

     قار دۆۋلەپ بەردىڭسەن مېنىڭ يېنىمغا.

     كۆمۈلۈپ بەختىمگە، قەدرىڭگە تولۇق،

     قار بوۋاي ياسىدىم كۆزىلا قارا.

     

    يۈزۈمگە ياققانتىم ئالقانلىرىڭنى،

     يېشىممۇ ھەسرىتىمدەك كەتتى ئاھ قۇرۇپ.

     تېرەكنىڭ شاخلىرى قاراسلاپ سۇندى،

     قار مومايغا ئايلاندىم باغرىڭدا تۇرۇپ.

     

    ئاۋايلاپ سىيلىدىم پۇتۇڭنى بىردەم،

     ھېلىقى ناخشىنى غىڭشىپ ئوقۇغاچ.

     بەش يىپلىق تىكىلگەن يارا ئېغىزى،

     كۆرۈندى كۆزۈمگە بولۇپ قارلىغاچ.

     

    سەزدىممەن تەپتىمدە تىنىقلىرىڭنى،

     چۆللەردىن ئوت بولۇپ كەلمەكتە مەجنۇن.

     لەيلىنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى كېچە،

     بېغىمدىن كۈل بولۇپ يوقالدى قوزغۇن.

     

    قەھرىڭنى قۇمۇشلار قۇشقا ئايلاندى،

    تىكەنلەر سۈرۈلدى يولنىڭ بويىغا.

     كۆكتىكى تۇمانغا يېشىمىنى بەرسەم،

     يامغۇر دەپ زېمىنغا قايتۇردى خۇدا.

     

    باھارنىڭ ھىدىغا كۆمۈلدى جاھان،

     چۇۋۇلغان چاچلىرىم پۇرايدۇ يالپۇز.

     جار سالاي ھاياتتا ئاخىرقى قېتىم،

    مەن ئەمدى بىر ئۆمۈر ئەمەسمەن يالغۇز!

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق