باھاردىكى ياپراقلار(ئىبراھىم نىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 02:03:38

باھاردىكى ياپراقلارئىبراھىم نىيازھايات، سىرلىرىڭنى كۈندە بىلگۈم بارھايات سىرلىرىڭنى دېڭىز دەپ بىلدىم،غەرق بولغىنىدا تالايلار سەندە.بۈگۈن باشلىرىغا توننى كىيگەنلەر،ئەتە ئۇچىسىغا كىيەركەن جەن...

    باھاردىكى ياپراقلار
    ئىبراھىم نىياز


    ھايات، سىرلىرىڭنى كۈندە بىلگۈم بار

    ھايات سىرلىرىڭنى دېڭىز دەپ بىلدىم،
    غەرق بولغىنىدا تالايلار سەندە.
    بۈگۈن باشلىرىغا توننى كىيگەنلەر،
    ئەتە ئۇچىسىغا كىيەركەن جەندە.

    سەندە ھېكمەت تولا، قىسمەتمۇ تولا،
    ئۇدۇل جەننەتكىلا بارمايدۇ ھېچكىم.
    بۈگۈن كۈلۈپ باقتىڭ ماڭا شۈبھىسىز،
    ئەتە ئېغىر قىسمەت پۈتۈرسەن بەلكىم.

    سەندىن رەنجىشىممۇ باھاجەت ئەسلا،
    سېنىڭ دېڭىزىڭدا بولغاندا غەرق.
    ھايات - ماماتلىقنى ئۇچرىتىپ تۇرغىن،
    شۇندىن ياخشىلىقنى ئېتەرمەن پەرق.

    ئادەم ئادەملەردىن بولغاندا بىزار،
    سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى قالىمەن سۆيۈپ.
    سېنىڭ قەدرىڭ قانداق ئۆتۈلسۇن دەيسەن،
    ئىشقى ئوتلىرىڭدا يۈرمىسەم كۆيۈپ؟...

    قەلبىمدىكى چەكسىز كەتكەن يول

    قەلبىمدىكى چەكسىز كەتكەن يول،
    تۇتىشىدۇ سېنىڭ ئۆيۈڭگە.

    غېرىپ - مىسكىن يول
    كۈيلىرىممۇ غېرىپتۇر مەندەك.
    تەنھالىقتىن تېرىپ قويدۇم گۈل،
    ئۈنۈپ چىقار بەلكىم ھەشىقپىچەك.

    بۇ يولدا
    كېلىدۇ مىسكىن دېھقان بالىسى،
    كىم بىلىدۇ؟
    دەردلىرى قايسى.
    ئۇچراپ قالىدۇ قەدىمىي ناخشا،
    ئىزدەپ يۈرەر ئۇنى ئىگىسى...
    شۇنداق بىر كۈنى.
    چۈشۈپ كەتتى ئىبراھىمنىڭ ئىچىگە ئۈنى.
    چۈشلەر بۇزۇلدى
    كۆڭۈل تۇتۇلدى،
    ئاي چىقمىغان قاراڭغۇ تۈنى.
    قەلبىمدىكى چەكسىز كەتكەن يول،
    دادامنىڭ ئېتىزلىقىغا كەتكەن تۇتىشىپ.
    دادام يوغان كەتمىنى بىلەن،
    يول بويىدا يۈرەر سۇ تۇتۇپ.

    دادا
    قەلبىمدىكى چەكسىز كەتكەن يول،
    بارار سېنىڭ قەلبىڭگە ئۇدۇل.
    قەلبىم چەكسىز يايراپ كېتىدۇ،
    قوللىرىمنى سىققاندا بىر قول.

    شۇنداق دەيتتىڭ:
    كۈلۈپ تۇرۇپ جان بەر ھەقىقەتكە.
    ئايلىنىپ قالما ھەرگىز ئەخلەتكە!
    جان چىقسىمۇ، چىقارمىغىن ياش
    بوپقالمىغىن بىچارە گۆشباش...
    ياشاپ كەلدىم شۇنداق ئارماندا،
    يېقىن تۇرۇپ قەلبىڭگە دادا...
    ئىزلىرىمنى ئاختۇرۇپ باققىن!
    يۈز كېلىمەن ساڭا - ۋىجدانغا...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.