قالۇرسەن(مۇھەممەتجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 00:00:00

قالۇرسەن مۇھەممەتجان راشىدىن نان ئىلغىساڭ نانسىز قالۇرسەن،نام قوغلاشساڭ نامسىز قالۇرسەن.رىزقىڭ بىلەن ياشا كەپتىرىم،دان ئىلغىساڭ دانسىز قالۇرسەن. كۆكلەتمەيدۇ ھېچكىمنى كېبىر، تاغ بولساڭمۇ دەپ يۈ...


    قالۇرسەن

    مۇھەممەتجان راشىدىن

     

     

    نان ئىلغىساڭ نانسىز قالۇرسەن،
    نام قوغلاشساڭ نامسىز قالۇرسەن.
    رىزقىڭ بىلەن ياشا كەپتىرىم،
    دان ئىلغىساڭ دانسىز قالۇرسەن.

     

     

    كۆكلەتمەيدۇ ھېچكىمنى كېبىر،
    تاغ بولساڭمۇ دەپ يۈرگىن ئىدىر،
    ئادەمدۇرسەن ئەمەسسەن خىزىر،
    يار ئىلغىساڭ يارسىز قالۇرسەن.

     

     

    شاھ تاجىدىن ئۇلۇغدۇر سېخى،
    سېخى قوللا ھەر گىياھ شېخى،
    بۇنى بىلمەس بىخىللار تېخى،
    بىخىل بولساڭ ھالسىز قالۇرسەن.

     

     

    ياشاپ ئۆتسەڭ بىر ئۆزۈڭ ئۈچۈن،
    پارچە نېنىڭ بولمايدۇ پۈتۈن.
    تۇرخۇنىڭدىن چىقسىمۇ تۈتۈن،
    كۈن ياتقاندا شامسىز قالۇرسەن.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.