ئەھەدى رۇبائىلىرى

يوللىغۇچى : ahadi يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-16 21:27:00

ئەھەدى ر و با ئىلا ر (1) ھايات - شام ، ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق ، كەلدىڭمۇ جاھانغا ، كەتمىشىڭ ئېنىق . شۇ <<كىلىپ - كەتمەك >> نىڭ ئۆزى بىر سۇئال ، جاۋاپقا ھازىر بول ، ئۆچكىچە تىنىق ! (2) ئوخشايدۇ بى...

                                                                               ئەھەدى ر و با ئىلا ر

    (1)
    ھايات - شام ، ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق ،
    كەلدىڭمۇ جاھانغا ، كەتمىشىڭ ئېنىق .
    شۇ <<كىلىپ - كەتمەك >> نىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
    جاۋاپقا ھازىر بول ، ئۆچكىچە تىنىق !

    (2)
    ئوخشايدۇ بىنامغا ھاياتنىڭ يولى ،
    مېھنەتكە باغلىقتۇر ئۇنىڭ ھۇسۇلى .
    نېمىنى تېرىساڭ ئالىسەن شۇنى ،
    دېمەككى ، مۇھىمدۇر تېرىش ئۇسۇلى .

     (3)
    ئادەمگە ئادەملىك زىننىتى ئەلا ،
    نە زىننەت ، شان -تۆھپە ، مېھنىتى ئەلا .
    ئەبەدى ئەمەستۇر ئادەمگە ياشاش ،
    دېمەككى ، ھەردەقىق قىممىتى ئەلا !

     (4)
    ئا لەمدىن ئادەمدەك ئۆتكىنىڭ خوپتۇر ،
    <<ئويناش >>تىن ئويلاشقا كۆچكىنىڭ خوپتۇر .
    مەي ئىچسەڭ چىرايلىق ھايا بىلەن ئىچ ،
    بولمىسا سوغۇق سۇ ئىچكىنىڭ خوپتۇر .

     (5)
    ھايات ۋە ماماتنىڭ ئارىسى بىر قاش ،
    قاش كەتسە شاھ ، گادا ...ھەممىسى ئوخشاش .
    بەرىبىر ئوخشاشقۇ بارار جايىمىز ،
    نېمەڭگە يوغانلىق قىلىسەن ئاداش !

     (6)
    سەن نېمە ، مەن نېمە ، ئوخشاشلا ئادەم ،
    مېنى پەس چاغلىما ، ئۆزۈڭنى ھاتەم .
    ئۇچارمىش پاختەكمۇ بەزىدە ئوڭدا ،
    ئالمىشىپ تۇرارمىش ، توي بىلەن ماتەم .

    (7)
    ئادەمدە كۆز ئىككى ، ئەمما ئېغىز بىر ،
    مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر ھىكمەت ، ئەمەس سىر .
    ناۋادا ئالماشسا ئېغىز بىلەن كۆز ،
    ھالىمىز نە بۇلۇپ كېتەتتى ، يا پىر ...!

    (8)

    ئې كۆڭۇل ، ياخشىنىڭ ئاشىناسى بول ،
    زاۋالسىز ئەسكىنىڭ ئىستىلاسى بول .
    پاراغەت تەختىنىڭ شاھى بولغىچە ،
    ئەل - ۋەتەن ئىشقىنىڭ مۇپتىلاسى بول .

     (9)
    مەيلى سەن باي ياكى گادايدىن تۇغۇل ،
    بول ئاۋال ياخشى قىز ، ۋاپادار ئوغۇل .
    تۇزكورنىڭ دۇ ئاسى بولمايدۇ مەقبۇل ،
    بولسىمۇ بىر ئۆمۇر تا ئەتكە مەشغۇل !

     (10) بالىلىق چاغلىرىم قۇچاقتا ئۆتتى ،
    ياشلىقىم يالقۇنلۇق ئوچاقتا ئۆتتى .
    قېرىلىق يېقىنلاپ كەلگەندە ئۆمرۈم ،
    يۇرەككە قادالغان پىچاقتا ئۆتتى ...!

    ( ئەھەدى 2005-يىل ماي)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 11:20:10]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر رۇبائى