پىنھان چوغلار(مۇسا ئەھەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 22:45:40

پىنھان چوغلارمۇسا ئەھەدقانداق بىر گۈلدۇرسەن، قانداق بىر قىزسەن قانداق بىر گۈلدۇرسەن، قانداق بىر قىزسەن،كىملەرنىڭ ئەركىسى، كىمگە يات سەن ھەم.كىملەرنىڭ كۆكسىگە چۈشكەن چوغدۇرسەن،كىملەرنىڭ كۆزى...

    پىنھان چوغلار
    مۇسا ئەھەد



    قانداق بىر گۈلدۇرسەن، قانداق بىر قىزسەن

    قانداق بىر گۈلدۇرسەن، قانداق بىر قىزسەن،
    كىملەرنىڭ ئەركىسى، كىمگە يات سەن ھەم.
    كىملەرنىڭ كۆكسىگە چۈشكەن چوغدۇرسەن،
    كىملەرنىڭ كۆزىدە تىترەپ تۇرغان نەم.

    قانداق بىر گۈلدۇرسەن، قانداق بىر قىزسەن،
    كىملەرگە چۈشتۇرسەن، كىملەرگە خىيال.
    كىملەرگە غايىبتىن تەگكەن ئوقتۇرسەن،
    كىملەرنىڭ كۆكىدە پاتماس بىر ھىلال.

    قانداق بىر گۈلدۇرسەن، قانداق بىر قىزسەن،
    كىملەرگە ئوۋچىسەن، كىملەرگە ئوۋسەن.
    كىملەرنىڭ ھىجرانى، كىمنىڭ ۋىسالى،
    كىملەرنىڭ قەلبىدە ئويغانماس چۈشسەن.

    شۇ ئوتنىڭ ھەسرىتى ھەم شېرىنلىكى

    ھۇدۇقما بۇ ئوتتىن، بۇ ئوت مۇقەددەس،
    كۈنلەردىن ئۇچقۇنداپ قەلبىڭگە چۈشسە.
    شۇ ئوتنىڭ ھەسرىتى ھەم شېرىنلىكى،
    جىمجىت كېچىلەردە سېنى شاد ئەتسە.

    بىخسىغان سۇ كەبى تەمسىز ھېسلىرىڭ،
    كۆكلەم پەسلىدىمۇ كۆرمىسە ئاپتاپ.
    يۇلتۇزغا ئايلىنىپ ئاھۇ كۆزلىرىڭ،
    يۇلتۇزدەك ئويغاق ئۆتسە بۇمۇ بىر ئازاب.


    باقسام كۆزلىرىڭگە ئۇھ تارتقۇم كېلەر

    باقسام كۆزلىرىڭگە ئۇھ تارتقۇم كېلەر،
    تۈن كەبى قاپقارا كۆزلىرىڭگە مەن.
    كىم يىغلاپ ئەلەمدە ۋە كىملەر كۈلەر،
    قونسام بىر قۇش بولۇپ يۈرىكىڭگە مەن.

    باقسام كۆزلىرىڭگە ئۇھ تارتقۇم كېلەر،
    قاراقلار تەكتىگە چۆككۈم كېلەر ھەم.
    ئالمىدەك كۆكسۈڭدە غۇنچىدەك تىترەپ،
    بىر ساڭىلا تۆكسەم مەن ئەلەم.

    ئىزلەپ داۋا تاپاي كىمدىن ئەم،
    ئارام بەرمەس كېچىلەرگە مەن.
    يا يۈرەيمۇ ئۈنسىز خۇرسىنىپ،
    ئىلتىجا قىپ چۈشلىرىمگە مەن.

    شۇ خىياللار تاتلىق ئارزۇ-ھېس
    مىسالى چۈش تاڭدىكى تۇمان.
    كۆكرىكىدە كىشنەر تۈنلەرنىڭ
    كۆزلىرىڭدەك سىرلىق بىر تۇمان.

    كۈندۈزىمنىڭ ئوت يالقۇنىسەن،
    تۈنلىرىمنىڭ پىنھان كۆز يېشى.
    كەچكۈزۈمدە تىترىگەن باھار،
    ياشلىقىمنىڭ تەنھا سىردىشى.

    قەلبىمگە يېقىنلاپ قالدى تىۋىشىڭ
    ئىلكىڭگە چۈشكەن بىر ئوۋمەن شۇتاپ،
    ھەرنە قىلساڭ سەندە ئىختىيار،
    پەقەت يۈرەك چىقارسۇن قارار.
    شەرت قويما،
    شەرت دېگەننى بىلمەيدۇ يۈرەك.
    يۈرەك خالىسا
    ئۆز ئەركىگە قويۇپ بەر ئەركەم،
    ھېسلار قانچە ئەزىز، مۆھتەرەم.
    گەر خالىساڭ
    ئاي بولغىن ماڭا،
    مەن قاراڭغۇ تۈنگە ئايلىناي،
    تاڭ ئاتماس تۈنگە.
    قەلبىمگە يېقىنلاپ قالدى تىۋىشىڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.