قىش لېرىكىسى-شېئىر(رەيھانگۈل ئەنھار)

يوللىغۇچى : ramizan يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-20 08:43:54

قىش لېرىكىسى(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)ئەتتىگەنكى يېشىمنىڭ دېغى،توڭلاپ قاپتۇ مەڭىزلىرىمدە.غورۇرۇمدەك ئاپئاق ياغقان قار،يالتىرايدۇ ئېتەكلىرىمدە.قونۇۋاپتۇ توك سىملىرىغا،قىش قۇشلىرى كەتمەي ئۆيى...



     

    قىش لېرىكىسى

    (رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)

     

    ئەتتىگەنكى يېشىمنىڭ دېغى،

    توڭلاپ قاپتۇ مەڭىزلىرىمدە.

    غورۇرۇمدەك ئاپئاق ياغقان قار،

    يالتىرايدۇ ئېتەكلىرىمدە.

    قونۇۋاپتۇ توك سىملىرىغا،

    قىش قۇشلىرى كەتمەي ئۆيىگە،

    ياپرىقى يوق ئورۇق دەرەخلەر،

    ئىرغاڭلىشىپ ئوينىشار ئۇسسۇل،

    شىۋىرغاننىڭ مۇڭلۇق كۈيىگە.

    گاھ،گاھىدا ئاڭلىنىپ قالار،

    شىۋىرغاننىڭ ھۇۋلىغان ئۈنى،

    شۇ شىۋىرغان ئېپ كېتەر قىشنى،

    قار يېغىشتىن توختىغان كۈنى.

    بەست تالىشىپ ئاق بۇلۇت بىلەن ،

    كېرىلىشەر ئاپئاق چوققىلار،

    قىش پەسلىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن ،

    يۈتۈپ كېتەر نەمخۇش توپىلار.

    قار يېغىشتىن توختىغان كۈنى ،

    قىش كېتىدۇ بۇندىن يامانلاپ ،

    زىمىستاننىڭ ئاخىرقى تۈنى،

    قارمۇ كېتەر سوغۇقلارمۇ ھەم ،

    مومىسى بىلەن قىلىشىپ چاخچاق،

    يوقلاپ كېلەر ئۆيۈمگە مېنى،

    سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.