خۇمارنامە

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-03 14:25:55

خۇمارنامەزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىزەۋقى دەپ بىلدىم مۇھەببەتنىڭ خۇمارىم مەن سېنى،بەرقى دەپ بىلدىم ئىنايەتنىڭ خۇمارىم مەن سېنى.ئۇيقۇسىز تۈنلەر گېرە سالغاچ سېغىنچى ھېس ھامان،شەۋقى دەپ بىلدى...



      

    خۇمارنامە

     

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    زەۋقى دەپ بىلدىم مۇھەببەتنىڭ خۇمارىم مەن سېنى،

    بەرقى دەپ بىلدىم ئىنايەتنىڭ خۇمارىم مەن سېنى.

     

    ئۇيقۇسىز تۈنلەر گېرە سالغاچ سېغىنچى ھېس ھامان،

    شەۋقى دەپ بىلدىم سائادەتنىڭ خۇمارىم مەن سېنى.

     

    لا دېگەن بىر لەبزىدىن ئۆڭگەچكە ئۆزلۈك بەتلىرىم

    پەسلى دەپ بىلدىم ھېدايەتنىڭ خۇمارىم مەن سېنى.

     

    خالىقۇل ئىنسان پەقىرنى مۇپتىلا قىلغاچ ساڭا،

    ھەۋزى  دەپ  بىلدىم ئىبادەتنىڭ خۇمارىم مەن سېنى.

     

    ئۇن بولۇپ تارتىلدى ھېجران تۈگمىنىدە جانمۇ خوپ،

    بەھرى دەپ بىلدىم ئادالەتنىڭ خۇمارىم مەن سېنى.

     

    مۈلكى ئالەم يوق نەزەرىمدە، خىيالىم سەندىلا،

    ئەينى دەپ بىلدىم كاپارەتنىڭ خۇمارىم مەن سېنى.

     

    ئاچ-زېرىن ھەم لاماكان ئۆتسەممۇ تۇرغاچ توق كۆڭۈل،

    ئەكسى دەپ بىلدىم شاقاۋەتنىڭ خۇمارىم مەن سېنى.

     

    رەھمىتى سەن مەن ئۈچۈن ئاھ، ھەقتەئالانىڭ بىشەك،

    سەددى دەپ بىلدىم قىيامەتنىڭ خۇمارىم مەن سېنى.

     

    2011-يىل  3-نۇيابىر بېيجىڭ

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.