چېكىنمەمدۇ مائارىپ(ئابدۇلئەھەت ھەسەن بارچۇقى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 08:05:25

چېكىنمەمدۇ مائارىپئابدۇلئەھەت ھەسەن بارچۇقىپەن سۆيەرلەر ئاز قالسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟پۇلغا دېپلۇم تارقالسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟لايەقەتسىز كۆپ تۇرسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟ساختىپەزلىك يامرىسا...

    چېكىنمەمدۇ مائارىپ
    ئابدۇلئەھەت ھەسەن بارچۇقى



    پەن سۆيەرلەر ئاز قالسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟
    پۇلغا دېپلۇم تارقالسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟
    لايەقەتسىز كۆپ تۇرسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟
    ساختىپەزلىك يامرىسا ،چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟
    قانۇن ئىجرا بولمىسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    يىگىرمە يىل ئىشلىدىم، مائارىپتا،مەكتەپتە،
    شاگىرتلىرىم بار مېنىڭ، ۋالىدىن چوڭ مەنسەپتە،
    تۆھپىسى بار ئۇلارنىڭ، شەھەر-يېزا ھەرسەپتە،
    سېلىشتۇرسام ئۆتكەنگە، شاگىرتلارنى ئەدەپتە،
    ھازىرقىسى پەس تۇرسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    بىر سىنىپتا قىرىقتىن ئارتۇق بالا ئولتۇرار،
    بەش-ئالتىسى ئۇلاردىن، ئۆگۈنۈشنى دوست تۇتار،
    قالغانلارنىڭ يۈرىگى ئويناشقىلا جۇش ئۇرار،
    تەنقىد قىلسا بەزىسى، ئۇستازلارغا مۇش ئۇرار،
    پەندىن ساۋاق ئالمىسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    ئوقۇۋاتقان بالىلار كەچتە كۆرسە تېلىۋىزور،
    سېڭىپ كېتەر ئېڭىغا بىكار تەلەت بەھۇزۇر،
    شۇندىن كېيىن غەلىتە، ياسىنىدۇ بەك پۇزۇر،
     ئوقۇش بىلەن كارى يوق، خىيال سۈرەر بەكمۇ زور،
    شەھۋانىغا يول قويسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ داشۆگە يۈرۈپ كەتسە،
    چۈشۈنەلمەي دەرسلەرنى، كىنودەك كۆرۈپ كەتسە،
    ھەل بېرىلگەن كېسەكلەر، لاپ ئۇرۇپ تۇرۇپ كەتسە،
    ھەقىقىي نام-ئۇنۋاننىڭ، يىلتىزى قۇرۇپ كەتسە،
    بىلىملىكلەر خارلانسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    ھەرخىل ئالىي مەكتەپلەر، پۇل ئۈچۈن كۆرەش قىلسا،
    بالداق ئاتلاپ نادانلار، ئېگىزگە قەدەم ئالسا،
    نادانلارنىڭ ئالدىدا، ئىلىم-پەن يېتىم قالسا،
    سېستىمىلىق مائارىپ، تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتسا،
    پەن بىلەن ئەل ئويناشسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

     پەن ئەزەلدىن ياقتۇرماس، ساختىپەزنى، ناداننى،
    ئىمتىھانلار ئايرىيدۇ، ياخشى بىلەن ياماننى،
    يامانلار ھېچ ئۈگەنمەي، يالاۋاتسا تاپاننى،
    ئۇنداقلارغا بەزىلەر، مەھكەم ياپسا چاپاننى،
    ھەق-ناھەق ئايرىلمىسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟
                           
    بەزى ئۇستاز-مۇئەللىم، ئابرويىنى ساقلىماس،
    يۈرەر دائىم مەست بولۇپ، ئىلىم-پەننى ياقلىماس،
    خىزمەتلەرگە سەل قاراپ، ئۆز بۇرچىنى ئاقلىماس،
    شۇڭا تىككەن كۆچىتى، مىۋە بەرمەس،شاخلىماس،
    باغۋەن لايىق بولمىسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    ئىشتىن سىرتتا ئۆگەنمەي، تەرەپ-تەرەپ قاتنىسا،
    قىيىن نۇقتا، سوئالغا، توغرا جاۋاپ تاپمىسا،
    قول ئۇچىدا خىزمەتنى ئىشلەپ، جاپا تارتمىسا،
    پۇل-ئوقەتكە بېرىلىپ، بىر دەم بىكار ياتمىسا،
    خىزمەت روھى سۇسلاشسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    مايكا تۇقۇپ خانىملار، چۈشۈپ كەتسە پاراڭغا،
    قاپاق بىلەن كارى يوق، بەكمۇ ئامراق باراڭغا،
    سېسىق پۇرار سۈرمىسى، كىرىپ قالسا ئاراڭغا،
    ئىچى كاۋاك سۆلەتۋاز، دەرسنى ئۆتسە ئالۋاڭغا،
    بالىلار نەپ ئالمىسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    ئېرى ئۆسسە مەنسەپكە، ئايالىمۇ تەڭ ئۆسۈپ،
    ئۇرۇق-تۇغقان ئەۋلادى، مائارىپتا كەڭ ئۆسۈپ،
    ئىقتىدارى بولمىسا، قالپاق،پۇلى رەڭ ئۆسۈپ،
    گېپى يوغان پوچىلار، بىلىملىكتىن ئەڭ ئۆسۈپ،
    داشقازاندا قاينىسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    ھەرخىل سېلىق، پۇل چېچىپ، مۇئەللىمنى باپلىساق،
    «كۆپچىلىكنىڭ پىكرى» دەپ، گالۋاڭلارنى كاپلىساق،
    پىكىر قىلسا دانالار، ھەرخىل تۆھمەت چاپلىساق،
    دانالارنىڭ ئورنىغا، نادانلارنى ساپلىساق،
    توغرا يولنى تاپمىسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    كىم ساختىپەز، كىم ياخشى، ئايرىغىلى كىشى يوق،
    مائارىپقا باشلىقنىڭ، كۆڭلى پۈتۈن، ئىشى يوق،
    پەسكە چۈشسە گۆش-ماينى، چاينىغىلى چىشى يوق،
    «ئات ئۈستىدە گۈل كۆرۈپ» كېتەر، ئىشنىڭ بېشى يوق،
    تەقدىر- تەنقىد يوقالسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟ 

     كىچىككىنە ئىش قىلغان تىجارەتچى باي تۇرسا،
    يەردە ئەمەس ئۇلارنىڭ، ئويناشلىرى ئاي تۇرسا،
    «سانتانا»دا ئولتۇرۇپ، يىيىشلىرى ماي تۇرسا،
    كۆرگەنلىرى چوڭ شەھەر، زامانىۋى جاي تۇرسا،
    بىلىمدىن پۇل چوڭ تۇرسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    لېكتۇر ياكى دوكتۇردىن پۇلدارلارنى چوڭ بىلسەك،
    پۇلغا خىزمەت، ئىش تاپسا ئۇنداقلارنى ئوڭ بىلسەك،
    بىلىمى بار خىزمەتسىز، يۈرگەنلەرنى توڭ بىلسەك،
    كىتابخۇمار ئىزدەنسە،«ئەخمەق ئۇ»دەپ مۆڭ بىلسەك،
    ۋىجدانلىقلار ئاز قالسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    يېزىدىكى ئىشلارنىڭ، سۈرۈشتىسى بولمىسا،
    «مائارىپ»دەپ بەك سۆزلەپ، ئىجراچىسى بولمىسا،
    قارشى تۇرۇش يا قوللاش، تايانچىسى بولمىسا،
    ئۇستاز ياكى شاگىرتنىڭ، ئىشەنچىسى بولمىسا،
    ياخشى-يامان تەڭ بولسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

    چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرگىن، ئىشەنمىسەڭ بۇ گەپكە،
    بۇرۇختۇملۇق بىر ھالەت، كىرىۋالدى بۇ سەپكە،
    ھەممە ئۆزىنىڭ غېمىدە، بېرىلىدۇ پۇل، نەپكە،
    باشلار مۇنداق ئەھۋاللار، مائارىپنى خەۋپكە،
    تېزدىن تۈزەش تاپمىسا، چېكىنمەمدۇ مائارىپ؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.