كۈتۈش (چىمەنگۈل ئاۋۇت )

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-17 19:55:00

كۈتۈشچىمەنگۈل ئاۋۇت ئاپتاپقا قاقلىدىم يالغۇزلۇقۇمنى،قىسمەتنىڭ پايانى كۆرۈندى تىمتاسسەن نەدە مەغرۇرسەن ئېزىلدى باغرىمكۆزۈمنى بوش يۇمۇپ قىلدىم مەن قىياسكىملەرنى ياد ئەتتىڭ ،كىملەرنى كۈتتۈڭمېھ...

    كۈتۈش
    چىمەنگۈل ئاۋۇت

    ئاپتاپقا قاقلىدىم يالغۇزلۇقۇمنى،
    قىسمەتنىڭ پايانى كۆرۈندى تىمتاس
    سەن نەدە مەغرۇرسەن ئېزىلدى باغرىم
    كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ قىلدىم مەن قىياس

    كىملەرنى ياد ئەتتىڭ ،كىملەرنى كۈتتۈڭ
    مېھرىمدە بارلىقىڭ بولماقتا ئايان
     ئالدىراش يولنى كېسىپ ئۆتكەنسەن بەلكىم
    ئاخىرىنى ئويلاشتىن قىلىمەن گۇمان

     تېرەكلەر قارايدۇ ماڭا بەك غەمكىن
    بويۇڭدەك بىر ئىشەنچ پارلايدۇ يارقىن
    يەنىلا سەن ئامان قالىسەن جېنىم
    تۇيۇقسىز زېمىندا يۈزبەرسە قىرغىن

    مۇڭ باسقان كۆزلىرىڭنى ئەسلىيەلەيمەن
    سەن چۇقۇم ئۆيۈڭدىن چىققان لاۋۇلداپ
    مانا يەنە بىر كۈن ئۆتتى مىڭ تەستە
    يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ !

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق