ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭼﻤﯘ ﺧﺎﺗﯘﻧﻤﯘ...

يوللىغۇچى : hilali يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-29 19:41:00

ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭼﻤﯘ ﺧﺎﺗﯘﻧﻤﯘ...قۇتىدا لىق قىزىلمۇچ،قىيام لەززىتىدە ئۇچ.ئۇچۇپ-چۈشۈپ خاتۇن قۇچ،ئاندىن لەززەت قىزىلمۇچ.لەغمەن ئۈستىدە قىزىلمۇچ،شىر - شىر قازانغا توش.ھىيلە سېنىڭ شېرىن مۇچ،خاتۇن ھەر ئاغزىدا ...

    ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭼﻤﯘ ﺧﺎﺗﯘﻧﻤﯘ...


    قۇتىدا لىق قىزىلمۇچ،
    قىيام لەززىتىدە ئۇچ.
    ئۇچۇپ-چۈشۈپ خاتۇن قۇچ،
    ئاندىن لەززەت قىزىلمۇچ.

    لەغمەن ئۈستىدە قىزىلمۇچ،
    شىر - شىر قازانغا توش.
    ھىيلە سېنىڭ شېرىن مۇچ،
    خاتۇن ھەر ئاغزىدا بوش.

    بوشلىقىدىن ھە، جاۋاب،
    تېگىۋىلىشكە ماقۇل.
    موللام ئاغزى لىق كاۋاپ،
    خاتۇن زىقىغا ئۇدۇل.

    خاتۇن تېخى ناغىرچى،
    توي چىقىمىنى تىجەپ.
    ماي ساقاللىق نىكاھچى،
    خاتۇن ئەمەستۇ ئەجەب.

    چاۋاك چالدى شوتىدا،
    خۇش تەبەسسۇم مېھمان،
    كىم ئۆزىكىن دەپتىمەن،
    گىرى خاتۇن ئىلمان.

    تويمۇ تاراپ كەچ بولدى،
    قاچار يېرىم يوق بولدى.
    ھەگە ئاسان خاتون ئالغان،
    ئامالى يوق شوخ بولدى.

    ئاي چېقىپتۇ قاراڭغۇ،
    تېنىم ئاجىز ياداڭغۇ،
    توي قىلغانغا توي بۈگۈن،
    ئۆزەم خالاپ ئالغانغۇ.

    ئەسلەپ سېنى قىزىلمۇچ،
    لەغمەن ئاستىنى ئىزدەيمەن.
    تەمىڭنى بىلمەي تۇرۇپ،
    خاتۇن ئالماقتىن يانغايمەن.

    ھە، دېگەننى ئالمىغىن،
    ياق،دېگەنگە يانمىغىن.
    ھە ھەم ياق قا بىلمەيمەن،
    شوئار توۋلاپ يۈرمىگىن.

    تەقدىر چوكىسى ئىلاشتى،
    تەم تېتىشقا مىلاشتى.
    ھايا بولسا خاتۇن،مەن...
    بۇدۇشقاقدەك چىرماشتى.

    ھە، ياق نى ئويلاشما،
    بالدۇر ئالماقنى قوغلاشما.
    لەغمىنىدە مۇچىنى،
    تېتىماي تۇرۇپ تويلاشما.

    ئەقلى خاتۇن خۇلقىغۇ،
    گۈلى خاتۇن قۇلىغۇ.
    ئىزا ئۇنىڭ نازىغۇ،
    غىزا ئۇنىڭ كوزىرىغۇ.

    ئاڭا سىناق پەزىلەت،
    ھايا بولۇپ تارازا.
    ۋۇي غوجام لەغمەن تەلەت،
    ئۆلچىگىن بېقىپ تازا.

    سول گىرىنىڭ ئاق تېشى،
    ئوڭ گىرىنىڭ قارا تېشى.
    ئالغىنىم ئاقمۇ - قارىمۇ،
    بىلىنمەس ئېچى- تېشى.

    خاتۇنى يوق گالۋاڭ يىگىت،
    ئۆيلىنىمەن دەيدۇ تېخى.
    يانچۇقى تۆشۈك يېغى چىگىت،
    سەتەڭگە ئېسىلىدۇ تېخى.

    ئۆيۈم سامان-بورىدىن،
    خالاسى قوشنا تامدا.
    خاتۇن ئۇپا-ئەڭلىكتىن،
    ئالسام تۇرارمۇ ياندا.

    چاتاق-چاتاققۇ بۇ زامان،
    قىز ئېلىپ خاتۇن قىلماق.
    بار ئارمانىغىغۇ دەرمان،
    قىزمۇ چوكانمۇ قانداق.

    ئەلەكمۇللا بۇ بۇرۇت،
    خاتۇن ئالماققا چىققان.
    ھەممە ماشىنچىدا ئورۇلۇپ،
    زىناغا بوز يەر ئاچقان.

    بۇرۇت سىغىنغانىدا،
    تەلەي ھاياپەرىسى.
    ھازىر بولغىن يېنىدا،
    چىن،چىڭ تۇتقىن پىشىنى.

    زاماندا بولغىن قىز ئامان،
    كوچىغا بولمىغىن قامال.
    ئاتىقى قىز ئەمەسمۇ يامان،
    سالام ھاياغا قىل ئامال.

    ئاشخانىڭدا نوغۇچۇڭ،
    جىلتا يايىمەن دەيدۇ.
    ئەمدىلىكتە ئىمانىڭ،
    ھايا قىلارمەن دەيدۇ.

    يۇيۇلسۇن چىنە-قاچا،
    ئېچىلغاي ئۆيۈڭ تازا.
    بولمىسۇن قەلبى ناكا،
    يېپىلغاي يولۇڭ ئاچا.

    خاتۇن ئالماقنىڭ بايانى،
    قىزىلمۇچ لەغمەندە ئەمەس.
    غىزادا قوشمىسا ئىزانى،
    بۇرتى بارلار ئۇنى يېمەس.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق