غەزەللەر( تۇرسۇن تۇردى)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-26 18:29:00

غەزەللەر( تۇرسۇن تۇردى) كۆزلىرىڭگە چۆكسە دۇنيا باغرىدا قانداق كۈلەي،چوغلىرىڭغا تامسا يامغۇر مېھرى ئوتۇڭدا كۈلەي. قىرلىرىمدا ئۈندى يالپۇز ھەسرىتىڭگە ئۇ شىپا، تۈنلىرىڭدە ئاي كەبى مەن تۈڭلۈكىڭد...

              غەزەللەر( تۇرسۇن تۇردى)

    كۆزلىرىڭگە چۆكسە دۇنيا باغرىدا قانداق كۈلەي،
    چوغلىرىڭغا تامسا يامغۇر مېھرى ئوتۇڭدا كۈلەي.

    قىرلىرىمدا ئۈندى يالپۇز ھەسرىتىڭگە ئۇ شىپا،
    تۈنلىرىڭدە ئاي كەبى مەن تۈڭلۈكىڭدە تەلمۈرەي.

    ئەجەپ سەرسان ھاياتىم بار، بېغىمدىن گۈل توزۇپ تۇرغان،
    ساياقلار خۇش،دالىلاردىن جاۋاھىرلار سۈزۈپ تۇرغان.

    بولۇپ قەبرە ئارا سەۋدا،تەرك ئەيلەپ سادارىمنى،
    گويا ئابى ھايات زەم-زەم لېۋى شورلۇق قۇرۇپ تۇرغان.

     سۇنۇپ كەلمىش كىشكەن نۇر، باھارىمغا كىرىپ شېرىك،
    يۈرەك زەرداپ لېكىن تىمتاس زېمىندا داڭ ئۇرۇپ تۇرغان.

     كەيپ مېھرى بىلەن شەيتان بىھۇشلۇقتا ياشاپ كەلدى،
    ئۇزۇن يول ئەۋجىدە يارنىڭ ئوچۇق كۆزى يورۇپ تۇرغان.

     رىسالە،ھەميىنىم ئەبجەش،سېرىق ئاپتاپتا تىترەيمەن،
    ۋىسالنىڭ تەپتىدىن گۈلگۈن سەھەر تۇغنى سۈرۈپ تۇرغان.

    ئىچە ساقلىقىڭ ئامەت،ماڭا مەينىڭ تۈۋى قالسۇن؟!
    لېكىن ۋۇجۇد سىمارىڭنىڭ ھامان شامى ئۈچۈپ تۇرغان.

    ساناپ مەن يۇلتۇزۇم قانچە دېسەم قان ئەيلىيىن باغرىم
    بىلىپ بولماس،دىلىم گۈلخان ئوت كۈيۈپ تۇرغان.

    تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 97-يىل2-سانىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق