«ئەپەندى» بولماق (لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-01 01:46:52

«ئەپەندى» بولماق -بۇ يىل ئون ئىككى يىل بۇلۇپ قالدى، ئۇكام، بۇ ، ئەپەندى بولماق مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام. شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقىلىمنى قىرىپ يۈردۈم، كەينى يېرىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈرد...

    «ئەپەندى» بولماق

     

    -بۇ يىل ئون ئىككى يىل بۇلۇپ قالدى، ئۇكام،

    بۇ ، ئەپەندى بولماق مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام.

    شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقىلىمنى قىرىپ يۈردۈم،

    كەينى يېرىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم،

    لېكىن<<ئەپەندى>> دېگۈچىلەرنى ھېچ كۆرمىدىم، ئۇكام،

    بىر جاۋاپ بەرسىڭىزچۇ، <<ئەپەندى>> دېمەسكە يەنە نىمەم كەم؟

     

    -غەم يىمەڭ ئاكا، ئۇنىڭ ئىشى بۇ زاماندا بەك ئاسان ،

    ھازىر توپ-توغرا ماگزىنغا بارىسىز.

    ئازراق پۇلىڭىزغا كاستىيۇمدىن بىرنى ئالىسىز،

    يەنە كازبىكتىن يانچۇققا بىرنى سالىسىز،

    يەنە ئالىسىز ئاق كۆينەك ۋە ئۇزۇن گالىستۇك،

    بىر سېرىق شىبلىت كىيىسىز ئاندىن ئۇنى موك.

    تاماكىڭىزنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈۋىرىڭ،

    سىزنى <<ئەپەندى>> دېگۈچىلەرنى كۆرۈۋېرىڭ.

     

                               1937-يىلى نويابىر ، غۇلجا.

         شائىر 15 ياش ۋاقتىدا يازغان بۇ ساتىرىك شېئىر شۇ ۋاقىتتىكى <<ئىلى گېزىتى>> بېسىلغان، ئۇ چاغلاردا زىيالىلار قوشۇنىمىز ئەمدىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋاقىت بۇلۇپ، كۆپ قىسمى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت ئىدى ، كىشلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ <<ئەپەندى>> ئاتايتتى ، شائىر  بۇ ساتىراسىدا ئۆزى بىلىمسىز بولسىمۇ، زىيالىلارچە ياسىنىش ئارقىلىق <<ئەپەندى>>بۇلۇش ئارزۇسىدا يۈرگەن بىر ئەخمەقنى مەسخىرە قىلىدۇ.

    كازبىك_شۇ ۋاقىتتا سوۋىت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا كەلتۈرۈلگەن تاماكا بىر خىلى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.