تۈگىمەس ناخشا(تېيىپجان ئېلىيوف)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 07:27:02

تۈگىمەس ناخشاتېيىپجان ئېلىيوفھەر كۈن ئاخشىمى ناخشا ئېيتىمەن،شۇ كوچىنى ئەگىپ كېتەلمەي.بىر پەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن،ئاۋارىمەن تېخى يېتەلمەي.بۈگۈن ئاخشام ئۆتكەنتىم يەنە،ناخشام بىلەن دېرىزە قېقىپ....

    تۈگىمەس ناخشا
    تېيىپجان ئېلىيوف


     
    ھەر كۈن ئاخشىمى ناخشا ئېيتىمەن،
    شۇ كوچىنى ئەگىپ كېتەلمەي.
    بىر پەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن،
    ئاۋارىمەن تېخى يېتەلمەي.

    بۈگۈن ئاخشام ئۆتكەنتىم يەنە،
    ناخشام بىلەن دېرىزە قېقىپ.
    قەيەردىندۇر ئىشىك غىچىرلاپ،
    كايىپكەتتى بىر بوۋاي چىقىپ.

    جارقىرايسەن ھەر كۈنى شۇنداق،
    ساراڭمۇ سەن ئوڭشالمايدىغان.
    يا ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن،
    قانداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان.

    كايىما بوۋا سەنمۇ بىر چاغدا.
    ياش ئىدىڭغۇ ئۇخلىمايدىغان.
    سەنمۇ ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن،
    شۇنداق ناخشا بۇ-تۈگىمەيدىغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.