سۆيۈش دىگەن شۇنداق بولامدۇ (ئەرپات خەمىت)

يوللىغۇچى : ساداقەت يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-16 01:16:00

سۆيۈش دىگەن شۇنداق بولامدۇ سىنى سۆيگەن سەنمۇ مىنى ھەم،سۆيۈش دىگەن شۇنداق بولامدۇ.چن سۆيگۈدىن بەردىم ئورۇن ھەم ،سۆيۈش دىگەن شۇنداق بولامدۇ.ئۆتتى كۈنلەر شۇنداق بىفۇبار،سەن بولغاچقا بولدى بەخىت...

    سۆيۈش دىگەن شۇنداق بولامدۇ

     سىنى سۆيگەن سەنمۇ مىنى ھەم،
    سۆيۈش دىگەن شۇنداق بولامدۇ.
    چن سۆيگۈدىن بەردىم ئورۇن ھەم ،
    سۆيۈش دىگەن شۇنداق بولامدۇ.
     
    ئۆتتى كۈنلەر شۇنداق بىفۇبار،
    سەن بولغاچقا بولدى بەخىت يار.
    لىكىن بولدى سۆيگۈ يولى تار،
    سۆيۈش دىگەن شۇنداق بولامدۇ.

     مەنمۇ ھەيران قالدىم سۆزۈڭدىن ،
    تاپالمىدىم سۆيگۈ كۆزۈڭدىن.
    ئوخشاتمىدىم ئۆزۈم ،ئۆزۈڭدىن،
    سۆيۈش دىگەن شۇنداق بولارمۇ.

    خىيالىمدىن يىشىلمەس سۇئال،
    ۋەسلىڭ مىنى قىلغاچقىمۇ لال.
    سەن ئالدىىساڭ ماڭا نە ئامال،
    سۆيۈش دىگەن شۇنداق بولامدۇ.

     ھايات ماڭا تىپىلماس سۇئال،
    چۈنكى سۆيگۈم تاپمىدى ۋىسال،
    سەندىن سوراي ئاخىربىرسۇئال،
    سۆيۈش دىگەن شۇنداق بولامدۇ؟

    خەيىر...........

    ئەسكەرتىش: شىئىېرلار مىنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىم، روخسەتىسز تارقىتىشقا  بولمايدۇ!!

     -2007يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى

    ---------------------------------------------------------------------------

     ناخشا تىكىستى  -  كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ ئىكەن

    سۆيۈش ئاسان ، ئايرىلىش قىيىن،
    كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ ئىكەن.
    مۇھەببەت ئۇ ئاچچىق ھەم شىرىن ،
    كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ ئىكەن.

     بىرى يۈرەر سىنى ئەزىزلەپ،
    سەن يۈرىسەن باشقىنى كۆزلەپ.
    يەنە بىرى يۈرەر يارئىزدەپ،
    كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ ئىكەن .

    سەن سۆيگەنلەرسۆيمەيدۇ سىنى،
    كۆڭۈل بەرسەڭ قىينايدۇ سىنى.
    يەنە بىرچاغ ئىزەيدۇ سىنى،
    كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ ئىكەن.

    گۈلۈڭ ئۈچۈن كىپىنەك بولما،
    قەلبىڭدىن سۆي ۋاپاسىز بولما،
    قەدىرلىگىن چىن ئاشىقىڭنى،
    كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ ئىكەن.


    ئاپتۇرى: ساداقەت    ئەسكەرتىش: شىئىېرلار مىنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىم، روخسەتىسز تارقىتىشقا  بولمايدۇ!!

    ------------------------------------------------------------------------------

    يەنە ئۈنسز كۆيىدۇ يۈرەك

    ئۇ بىلمەيدۇ مىنىڭ سۆيگۈمنى ،
    يەنە ئۈنسىز كۆيىدۇ يۈرەك.
    شۇنچە تەشنا ئۇنىڭ مىھرىگە،
    كۈۋەجەيدۇ قەلبىمدە تىلەك.

    ئاتەش كەبى يانغان ئوت بولۇپ،
    قولۇمدا شۇ يىقىملىق سۈرەت.
    كىچەلىرى چۈشۈمدىمۇ شۇ،
    يەنە ئۈنسىز كۆيىدۇ يۈرەك.

     ئىزھار قىلىش ياق ھاجەت ئەمەس،
    كۆڭۈل ئۆزى يۈرەككە ئەينەك.
    گەرچە كۆزۈم كۈلۈپ تۇرسىمۇ،
    يەنە ئۈنسىز كۆيىدۇ يۈرەك.
     -------------------------------------------------------------------

    سېغىنغاندا كىلەمسەن يايرىم

    سىغنغاندا كىلەمسەن يايرىم،
    سىغىنشنىڭ ئوتى بەك يامان.
    مەن ساقلىدىم سىنى نەچچە يىل،
    تىلەپ ساڭا ساقلىق ۋە ئامان.

     سىغنغاندا كىلەمسەن يايىرىم،
    مىنىڭ خىتىم ساڭا يەتكەندە.
    سۆيگۈمۇ ھەم سىنى چاقىرىپ،
    كۆرۈشىشكە نىسپ ئەتكەندە.

    سىغىنىغاندا كىلەمسەن يايرىم،
    خۇددى ئۆزۈڭ لەيلى مەجنۇندەك.
    سىنى كۈتتۈم سىنىلا كۈتتۈم،
    سىنىڭ ئۈچۈن مەن يارالغاندەك.

    سىغىنىغاندا كىلەمسەن يايرىم،
    تاقەتلىرىم تاق بولدى مىنىڭ.
    خىتىڭ كەلدى لىكىن ئۆزەڭ يوق،
    كەلمىدىمۇ كۆرگۈڭمۇ سىنىڭ.

    سىغىنىغاندا كىلەمسەن يايرىم،
    ئەسكە ئىلىپ قىلغان ۋەدەڭنى.
    قىلغان سۆزۈڭ ھىلى يادىمدا،
    مۆھۈرقىلدىم مەن ئەقىدەڭنى.

     سىغىنغاندا كىلەمسەن يايرىم،
    مە ساقلايمەن سىنى شۇ جايدا.
    شۇ كەچلەردە ماڭا ئۇيقۇ يوق،
    مەن شولاڭنى كۆرىمەن ئايدا.

    سىغىنغاندا كىلەمسەن يايرىم،
    كۈتەي سىنى بىرئۆمۈركۈتەي.
    ئەگەر سۆيگۈڭ نىسىپ بولسلا،
    بىر سەن بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆتەي!


    ئاپتۇرى: ساداقەت

     2007-يىلى 7-ئاي
     --------------------------------------------

    مۇھەببىتىڭ نىسىپ بولمىسا

    رەنجىمەيمەن سىنىڭدىن گۈلۈم ،
    مۇھەببىتىڭ نىسىپ بولمىسا،
    كېرەك ئەمەس زورلانغان كۆڭۈل،
    سىنىڭ كۆڭلۈڭ مەيلىڭ بولمىسا.

     گەرچە سىنى گۈلۈم سۆيسەممۇ،
    پەقەت سىنى كۈتۈپ ئۆتسەممۇ.
    مەيلى مەڭگۈ كۆزدىن يۈتسەڭمۇ ،
    مۇھەببىتىڭ نىسىپ بولمىسا.

     مەندەك ئاشىق بارمىدۇ ساڭا،
     ياخشى كۆرۈش گۇناھمۇ ماڭا،
     مەيلى يەنە سۆيۈپ ئۆتىمەن،
    مۇھەببىتىڭ نىسىپ بولمىسا.

     مەن زورلاشنى بىلمەيمەن ئەسلا،
    گەرچە كۆڭلۈم بولىسمۇ بەكلا.
    مەيلى رازى بولساڭ بەختلىك،
    مۇھەببىتىڭ نىسىپ بولمىسا.

     سەن مەن ئۈچۈن بۈيۈك ئابىدە،
    قىلغاچ ساڭا بەك چىن ئەقىدە،
    گۈلۈم ساڭا بەخىت تىلەيمەن،
    مۇھەببىتڭ نىسىپ بولمىسا.

    مۇھەببەتسىز تۇرمۇشنىڭ نىمە مەنىسى بولسۇن !پەقەت سەنلا بەختىلىك بولساڭ ،مانا بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ زور بەخت~ھەققىي مۇھەببەت ئەنە شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ ،گەرچە ئىرىشەلمىسەممۇ لىكىن ئۇنىڭغا مەڭگۈ چىن دىلىمدىن بەخىت تىلەيمەن!!خەيىر.............
    ----------------------------------------
     

    ھايات - ئىمىتىھان

    ھاياتتا قىسمەتكە يولىقىسەن كۆپ،
    شۇندىلا ئۆزۈڭگە تاپىسەن نىشان.
    بەزىدە يىغلىساڭ بەزىدە خوشال،
    چۈنكى بۇ ھاياتنىڭ ئۆزى ئىمتىھان.

     تۆتكۈنلۈك ھاياتتا سىناقلار بەك كۆپ،
    سىناققا بەرداشلىق بەرگەنلەريامان.
    بىھۇدە ئۆتكۈزگەن كۈنۈڭدىن ئۇيال،
    بوياقتا بويالماي بىلىمدە بويال.

     بۇ ھايات تاللايدۇ گاھى شاللايدۇ،
    سىناققا بەرداشلىق بەرگەنلەريامان.
    ئۈمۈدۋارياشىغىن بەختىڭ ئالدىڭدا ،
    چۈنكى بۇ ھاياتنىڭ ئۆزى ئىمتىھان.

     تەقدىردىن ئاغرىنما ھاياتتىنمۇ ھەم،
    بۇ ھايات سىنايدۇ ھەم سىنى دەم دەم.
    تىرشسەن بەخىت تاپ ئۆزىگە ھەردەم ،
    چۈنكى بۇ ھاياتنىڭ ئۆزى ئىمتىھان .

    2007-يىلى 14-ئىيول (غۇلجا)

     ئاپتۇرى: ساداقەت

    ئەسكەرتىش:مىنىڭ روخستىمسىز ھەرقانداق ئورۇن ۋە كىشىنىڭ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. دوسىتلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    -----------------------------------

    رازىمەن

    ئەل ئۈچۈن كۈل بولۇپ كۆيسەم رازى مەن،
    ئەل ئۈچۈن قۇربان بوپ ئۆلسەم رازى مەن.
    ئاجىزلار چاقىرسا ياردەمدە بولۇپ،
    باي ئەمەس گادايدەك يۈرسەم رازىمەن.

     خاتادىن مەن ئەمەس شاھ خالى ئەمەس،
    ئىزدىنىپ سەۋەپنى تاپسام رازىمەن.
    باشقىلار كەينىدىن قۇسۇر تاپقۇچە،
    ئالدىدا سۆزلىسەم ئۇرسا رازىمەن.

    بەزىلەرئەجەپمۇ ماختاشقا ئۇستا،
    ئەگەرشۇ ئەرزىسە ماختاپ رازىمەن.
    ئەخلاقتىن چەتنىسە،دوستۇمنىڭ ئىشى،
    مىنىڭدىن رەنجىسە ياق دەپ رازىمەن.
     
    ياشلىق ئۇ دىمەك بىر ئادەم باھاررى.
    بىلىمگە بىغىشلاپ ئۆتسەم رازىمەن.
    بىلىمنىڭ تىگى ئۇ پايانسىز دىڭىز،
    شۇ دىڭىز تىگىگە چۆكسەم رازىمەن.

    پۇل ئۈچۈن ياشاش ئۇ ياخشى ئىش ئەمەس،
    پۇلدىن مەن ئىنساپنى تاللاپ رازىمەن.
    ئادەمنىڭ زىننىتى ئەخلاق ھايا ئۇ،
    ھەق گەپنى تۈگگىچە ياقلاپ رازىمەن.

     

    ياشاپ بۇ دۇنيادا ئىزسىز كەتكەندىن،
    قار بىىسپ بىركۈنى ئۆلسەم رازىمەن.
    مەن ئەمەس ئەل ۋەتەن بولسا مەندىن خوش،
    بارىمىنى ئاتىسام مەڭگۈ رازىمەن.

     

    ئاپتۇرى :ساداقەت           2008-يىلى 1-ئاي

    ------------------------------------

    بولسۇن ساڭا ئاخىرقى سۆزۈم

     

    بولسۇن ساڭا ئاخىرقى سۆزۈم،
    گۈلۈم مەندىن ئەپۇ سورىما.
    بەلكى كىمدىن سەۋەنلىك ئۆتسۇن،
    بولدى مەندىن سۆيگۈ سورىما.

    مەن بىلگەندە سىنىڭ كۆڭلۈڭنى ،
    بەكمۇ كىيىن كىچىكىپتىمەن.
    تىخى مىنى سۆيەر مەڭگۈ دەپ،
    شىرىن خىيال چۈش كۆرۈپتىمەن.

     مەن زورلاشنى بىلمەيمەن ئەسلا،
    سەندىن سۆيگۈ سوراپ نە قىلاي.
    بەلكى بۇ بىر شىرىن تۇيغۇ دەپ،
    مەن بىلىمىگەن كۆرمىگەن بولاي.

     بولسۇن ساڭا ئاخىرقى سۆزۈم،
    سىنى دىلدىن سۆيگۈنۈم راسىتۇر،
    سەن بىلمىدىڭ مىنىڭ سۆيگۈمنى،
    بۇ سۆزلۈرۈم بىر ساڭا خاستۇر.

     بولدى يوقتۇر ساڭا تەلمۈرۈش،
    سەندە يوقكەن ماڭا تەلپۇنۇش.
    ئەمدى بىلدىم چۈشۈنۈپ يەتتىم،
    سەندە يوقكەن ھىچبىر سۆيۈنۈش.

     بولسۇن ساڭا ئاخىرقى سۆزۈم ،
    گۈلۈم ساڭا بەخىت يار بولسۇن.
    قۇچاق ئىچىپ ساڭا بۇ جاھان،
    ئاشۇ بەختىڭ ئۆمۈرلۈك بولسۇن.
     

    ئەسكەرتىش: شىئىېرلار مىنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىم، روخسەتىسز تارقىتىشقا  بولمايدۇ!!

    -----------------------------------------------------

    ئاھ يۈرۈگۈم يىغلدى مىنىڭ


     بۈگۈن بولدۇم گۈلۈمدىن جۇدا،
    ئاھ يۈرۈگۈم يىغلدى مىنىڭ.
    تىرىشساممۇ شۇنچە بىسشقا،
    ھىجران يىشىم تۆكۈلدى مىنىڭ.

     ئۇ ئايرىلدى مەن ھەم ئۇنىڭدىن،
    پەقەت گۈزەل ئەسلىمەم قالدى.
    شۇنچە گۈزەل مۇھەببەت بىغى،
    مانا ئەمدى پەرۋىشسىز قالدى.

    مەن تەقدىردىن رەنجىپ نە قىلاي،
    بەلكى بۇ بىر تەقدىر پىشانەم.
    مەن يىغلدىم ئۇنسىز ئىچىمدە،
    غازاڭ بولغاچ مىنىڭ ئەقىدەم.

     ھەسرەتلىرىم ئەۋجىدى يەنە،
    رىئاللىققا بىرەلمەي بەرداش.
    مەن مۇڭلۇنۇپ قالدىم ئاھ ئۇرۇپ،
    تاپالماستىن سىنىڭدەك سىرداش.

    ئاھ يۈرۈگۈم يىغلدى مىنىڭ،
    ئوڭ چۈشۈمدە سىنىڭ سىياقىڭ.
    ئەجەپ ئىكەن تەقدىرقىسمىتى،
    ئاخىرلاشتى گۈلۈم ھاياتىڭ.

     مەڭگۈسىنى ئەسلەيمەن گۈلۈم،
    ياتقان يىرىڭ جەننەتتە بولسۇن.
    گەرچە مەندىن جۇدا بولساڭمۇ،
    سىنىڭ روھىڭ ماڭا يار بولسۇن.

    ئەسكەرتىش: شىئىېرلار مىنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىم، روخسەتىسز تارقىتىشقا  بولمايدۇ!!

    -------------------------------

    يەنە ئۈنسز كۆيىدۇ يۈرەك

    ئۇ بىلمەيدۇ مىنىڭ سۆيگۈمنى ،
    يەنە ئۈنسىز كۆيىدۇ يۈرەك.
    شۇنچە تەشنا ئۇنىڭ مىھرىگە،
    كۈۋەجەيدۇ قەلبىمدە تىلەك.

     ئاتەش كەبى يانغان ئوت بولۇپ،
    قولۇمدا شۇ يىقىملىق سۈرەت.
    كىچەلىرى چۈشۈمدىمۇ شۇ،
    يەنە ئۈنسىز كۆيىدۇ يۈرەك.

    ئىزھار قىلىش ياق ھاجەت ئەمەس،
    كۆڭۈل ئۆزى يۈرەككە ئەينەك.
    گەرچە كۆزۈم كۈلۈپ تۇرسىمۇ،
    يەنە ئۈنسىز كۆيىدۇ يۈرەك.

    ئەسكەرتىش: شىئىېرلار «ساداقەت» نىڭ ئۆز ئىجادىيىتى، روخسەتىسز تارقىتىشقا  بولمايدۇ!!

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق