ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ(ئوسمانجان ساۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 07:48:35

ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈئوسمانجان ساۋۇتقەدەھكە قەدەھتەك سىغىدۇ شاراپ،ئېرىقتا ئاقالماس دەريا كەبى سۇ. قىل سىغماس ھەقىقەت بۇلۇپ ئەزەلدىن،كىشلەر قەلبىگە ئورنىغان سۆز بۇ. ۋە لىكىن ۋەتىنىم...

    ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ
    ئوسمانجان ساۋۇت


    قەدەھكە قەدەھتەك سىغىدۇ شاراپ،
    ئېرىقتا ئاقالماس دەريا كەبى سۇ.
    قىل سىغماس ھەقىقەت بۇلۇپ ئەزەلدىن،
    كىشلەر قەلبىگە ئورنىغان سۆز بۇ.
     
    ۋە لىكىن ۋەتىنىم سەن باشقا دۇنيا،
    مىھرىڭدىن تاشقىمۇ بەردىڭ سەن سەزگۈ،
    مەن سىنىڭ پەرۋانەڭ،ئورناتتىڭ ئۆزۈڭ،
    ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ.

    1963-يىلى دىكابىر ئۈرۈمچى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.