قۇرغاقچىلىق(سىدىقجان غوپۇر)

يوللىغۇچى : sidikjankoklam يوللىغان ۋاقىت : 2010-06-03 17:58:44

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} -سۇ-سۇقۇرۇپ كەتتىشورلۇشۇپ كەتتىئاياغ ئاۋازىمنى يۈتىۋەتكەن زىمىن.يىغلىماقتا تۇپراقبۇغ

    -سۇ
    -سۇ
    قۇرۇپ كەتتى
    شورلۇشۇپ كەتتى
    ئاياغ ئاۋازىمنى يۈتىۋەتكەن زىمىن.
    يىغلىماقتا تۇپراق
    بۇغدايلىرىمنىڭ پۈكۈلدى تېزى...

    تۈكۈلمەكتە بىر تالدىن ياپراق

    كۆمۈلۈپ كەتتى ھاياتلىق ئىزى...

     

    -سۇ

    -سۇ

    يىغلاپ كەتتى قەلىب ئېتىزى

    سۇ نەلەردە يۈرىدۇ سەرسان

    غەمسىز ئۈزۈپيۈرىدۇ بولۇت

    گىدەيگەنچە تۇرىدۇ ئاسمان

     

    سۇ

    سۇ ئىچمىگىلى ئەسىرلەر بولۇپتۇ.

    ئۇھ،

    شورلۇق قەلىبلەر

    سۇ ئېزدىمەكتە ئىنسانلار قەلبى

    دېڭىزلاردا سادا يوق

    دەريالاردا بىلىق ياتىدۇ

    ئۆلۈپ كەتكەن روھىنى سۆرەپ...

     

    -سۇ

    -سۇ

    قۇرۇپ كەتتى ھەممە نېمىلەر

    قۇرۇپ كەتتى ئىنسانلار قەلبى.

     

    تۇپراق-بۇغداي

    دەرەخ-ياپراق

    ئادەم قەلىب

    قۇرۇپ كەتتى ھەممە-ھەممىسى...

     

    ئۇھ،

    سۇ ئىچكىم كەلدى

    سۇ ئىچمىگىلى ئەسىرلەر بولدى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.