ئوقۇپ تۇرىمىز (مۇھەممەدجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 01:12:42

ئوقۇپ تۇرىمىز مۇھەممەدجان راشىدىنبىز خۇدادىن قورقۇپ تۇرىمىز،شۇڭا ناماز ئوقۇپ تۇرىمىز،سورۇنلاردا ساقىنى ئەمما،قۇيمامسەن دەپ نوقۇپ تۇرىمىز.كېسەل يۇقتى قاغا-قۇزغۇندىن،كۆرۈنگەننى چوقۇپ تۇرىمىز،...

    ئوقۇپ تۇرىمىز
    مۇھەممەدجان راشىدىن


    بىز خۇدادىن قورقۇپ تۇرىمىز،
    شۇڭا ناماز ئوقۇپ تۇرىمىز،
    سورۇنلاردا ساقىنى ئەمما،
    قۇيمامسەن دەپ نوقۇپ تۇرىمىز.
     
    كېسەل يۇقتى قاغا-قۇزغۇندىن،
    كۆرۈنگەننى چوقۇپ تۇرىمىز،
    خولۇم-خوشنا دىمەيمىز ئەسلا،
    ئىلىنغاننى سوقۇپ تۇرىمىز،

    ئايرىمايمىز ھالال ھارامنى،
    يالغاننىمۇ توقۇپ تۇرىمىز،
    لېكىن يەنە قورقۇپ تۇرىمىز،
    شۇڭا ناماز ئوقۇپ تۇرىمىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.