پىراق ئۇچقۇنلىرى(چوپانى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 07:41:21

پىراق ئۇچقۇنلىرىچوپانى1ئىگەم، يارنى تاپاي ئىزدەپ، ئىرادەم پەيلىنى كاج ئەت،ئىزىمدىن ئۈندۈرۈپ رەيھان، بېرىپ-كەلمەكنى مېھراج ئەت.خىزىر، نېرۋا-ھۈجەيرەم قاپلىنىپ كەتتى پىراق بىرلە،پىراقنى سۈرگىل...

    پىراق ئۇچقۇنلىرى
    چوپانى



    1

    ئىگەم، يارنى تاپاي ئىزدەپ، ئىرادەم پەيلىنى كاج ئەت،
    ئىزىمدىن ئۈندۈرۈپ رەيھان، بېرىپ-كەلمەكنى مېھراج ئەت.

    خىزىر، نېرۋا-ھۈجەيرەم قاپلىنىپ كەتتى پىراق بىرلە،
    پىراقنى سۈرگىلى قەلبىڭدىكى گۈللەرنى.

    نىگار، ساختىلىشىپ قالغاي مۇھەببەت سۆيگۈگە قانسا،
    شۇڭا، سۆيگۈڭگە-مېھرىڭگە مېنى مەڭگۈگە موھتاج ئەت.

    ساقىي، جامىمغا لىق مەي قۇي، ئازاب-كۈلپەتلىرىم ئۆلسۇن،
    پۇلۇڭغا باج كېلىپ قالسا، جېنىمنىڭ رىشتىنى باج ئەت.

    چوپانى، سەن ئۈمىدۋار بول، ۋىسالنىڭ شەپىسى كەلدى،
    ۋىسال قۇچقان كۈنۈڭ يارىڭ ئۈچۈن قەلبىمنى زەر تاج ئەت.

    2

    جېنىم، يارىم كېلىپ قالسا، كۆڭۈل رىشتىمدە مېھمان ئەت،
    توڭۇپ قالسا يۈرەكىمنى يېپىپ، ئىشقىمنى گۈلخان ئەت.

    كۆڭۈل، يارىم ئۇزاپ ماڭسا، قۇرۇق قول يولغا سالماستىن،
    جېنىمنى سۆيگۈگە قاتلاپ، ئاڭا ھۆرمەتتە ئېھسان ئەت.

    ئىگەم، ناز-ۋەسۋەسە قىلسا ناۋادا ساختا ئاشىقلار،
    غۇرۇرۇمنى قىلىپ سەرۋاز، ھوشۇم-ئەقلىمنى سۇلتان ئەت.

    نىگار، ئاپئاق لېۋىمگە قىپقىزىل ياقۇت لېۋېڭ بىرلە،
    يېزىپ سۆيگۈسىمان ئەشئار قاقاس قەلبىمنى بوستان ئەت.

    روھىم، تەڭرىم روھى بىرلە سىڭىشىپ قۇم بىلەن سۇدەك،
    چوپانىنىڭ ھاياتىنى مۇقەددەس، ئىزگۈ داستان ئەت.

    3

    كۈتۈپ تۇرسام سەھەر، يارنىڭ غىچىرلاپ مەپىسى كەلدى،
    «توساي»دەپ بولغۇچە بىر توپ پىراقنىڭ ھەرىسى كەلدى.

    دىلىم بىردەمدىلا كۈپتەك ئىششىپ، ھوشسىزلىنىپ كەتتىم،
    كۆزۈم ئاچسام نىگارىم يوق، بېھىشنىڭ پەرىسى كەلدى.

    پۈتۈن ئەملەشلىرى يوققا چىقىپ، شەرمەندە ھال كەتتى،
    نىگارىمغا خەۋەر بەرسەم مىشىلداپ ئەتىسى كەلدى.

    چېپىشقا تەمشىلىپ تۇرغان ئىدى مەلھەم يۈرەكىمگە،
    نىگارىم ئالدىغا ياۋنىڭ نەقىشلىك قەپىسى كەلدى.

    شۇنىڭدىن سوڭرە ئايلاندىم جۇدادار، زەخمىناك ئەرگە،
    ئازابزار باغرىدا ياتسام نىگارىم ۋەدىسى كەلدى.

    ۋىسال ئىزدەپ ئۈمىدكە مىنگىشىپ، جاندىن كېچىپ ماڭسام،
    ماڭا مەجنۇن، تاھىر، پەرھاد، غېرىبنىڭ ھەۋىسى كەلدى.

    ھىجىر جەڭگاھىدا ئاخىر تەبەسسۇم ئەيلىدى نۇسرەت،
    جاھان ئاڭلا، چوپانىغا ۋىسالنىڭ شەپىسى كەلدى.

    4

    دىلىم چاقناقلىقىغا ئاي يۈزۈڭنىڭ ئەختىرى بائىس،
    لىرىك شائىرلىقىمغا ئوت كۆزۈڭنىڭ دەپتىرى بائىس.

    ھىجىر دەرياسىدا سەندىن دېڭىزدەك ئىپتىخارلاندىم،
    پەخىرلەنمەكلىكىمگە ئاق دىلىڭنىڭ تەسۋىرى بائىس.

    جاھاننى ئاقتۇرۇپ باقسام مېنىڭدەك باغرى قان يوقكەن،
    دىلىمدىن تامچىغان قانغا پىراقىڭ خەنجىرى بائىس.

    سېنى تاشلاپ كېتەي دەيمەن، ئۈزەلمەيمەن ئۈمىد ئەمما،
    ئۈمىد ئۈزمەسلىكىمگە گۈل لېۋىڭنىڭ كەۋسىرى بائىس.

    چوپانى روھى ئويناقلاپ ھاياتىي كۈچكە تولماققا،
    مۇھەببەت-سۆيگۈ، ۋەسلىڭنىڭ خەۋەرچى كەپتىرى بائىس.
    ‏‏
    ئىخراج①ئىخراج-سۈرگە دورىسى ياسىلىدىغان بىر خىل دورا ئۆسۈملۈكىنىڭ نامى. مەسىلەن، «ئىخراج ئىچمەك»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.