نىمانچىلا تەس دەيمەن ئۇيغۇر بۇلۇپ ياشىماق

يوللىغۇچى : Ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-05 06:57:29

ئەي خالايىق تەس ئىكەن ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق،ئادەت بولدى بىزلەرگە ئۆزىمىزنى غاجىماق.قۇدرەت تېپىش يولىغا سالاي دېسەك ئارغىماق،ئۈزەڭگىمۇ، ئىگەرمۇ، يوللاردا كۆپ ئاچىماق.نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇي...

    ئەي خالايىق تەس ئىكەن ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق،
    ئادەت بولدى بىزلەرگە ئۆزىمىزنى غاجىماق.
    قۇدرەت تېپىش يولىغا سالاي دېسەك ئارغىماق،
    ئۈزەڭگىمۇ، ئىگەرمۇ، يوللاردا كۆپ ئاچىماق.
    نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!

    سەۋەنلىكتىن مۇستەسنا بولالمايدۇ ھىچ مىللەت،
    ھەركىمدە بار كەمچىللىك، ئۇنداق-مۇنداق بىر ئىللەت.
    ئۇچسىمۇ ھەم كۆچسىمۇ ئالەم ئارا بەش قەۋەت،
    ئېسىل-پەسلىك پەرقى يوق تىزىپ يۈرمە رەتمۇ-رەت.
    نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!


    تەرەققىيات بولماسمۇ، ئۆزىمىزنى غاجىماي،
    ئېچىلماسمۇ بۇ ئىقبال، ئۇيغۇرلۇقتىن ئاجىماي.
    يېزىلماسمۇ ماقالە ئەجدادلاردىن داجىماي،
    يارىمىسا يا باتۇر ياكى نوچى، ھاجىباي.
    نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!

    يۇۋاش-يۇمشاق بولامىش، يىسە قوينىڭ گۆشىنى،
    تۇغار ئىمىش ئانىلار ئەۋلاتلارنىڭ لۆشىنى.
    نە كۈنلەرنى كۆرەتتۇق، يىسەك پاشا، لۆجىنى،
    ئۇچارمىزمۇ خالايىق، يىسەك قۇشنىڭ تۆشىنى.
    نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!

    ئۇلۇقلايمىش بەزىلەر ۋاتاشانى، رىگاننى،
    ئاي، قۇياش دەپ بىلەرمىش فىرانسۇزنى، گېرماننى.
    بىرەمدىكىن بىلمىدىم بىكارغىلا بىر ناننى،
    كىم باقاركىن ئىشلىمەي ئوڭدا ياتقان ئىنساننى.
    نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!

    كىچىككىنە يول تاپقان سېلىۋالسا قوساقنى،
    يول بەرمىسە ھېچكىمگە قۇرۇپ ھەريان توساقنى.
    مەڭنى بايقاپ توۋلىسا « تاپتىم ماۋۇ پوقاقنى!»
    كىم بۇيرىغان بولغىيتى بىزگە مۇنداق چوقاقنى.
    نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!

    ئەجدادىغا پۇت ئاتار نائەھلىلەر نەدە بار؟
    نائەھلىگە قەيەردە كۈلۈپ باقار ئەتە بار؟
    ئەنئەنىدىن تانغۇچى ئۇيغۇرۇم بار يەردە بار،
    توۋا دەيمەن مىڭ توۋا، نەدە مۇنداق پەدە بار؟
    نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!

    قىزىل، قوڭۇر، ساپ-سېرىق بويىۋېلىپ چېچىنى،
    ئاننان ياكى جورجى بۇش قويۇۋېلىپ ئېتىنى.
    پاساھەتتە رەڭ بىرىپ يېزىشسىمۇ خېتىنى،
    ئۇيغۇرلۇقتىن تانالماس، يۇيالمايدۇ قېنىنى.
    نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!

    ئاي بولساڭمۇ ئۆزەڭگە، كۈن بولساڭمۇ ئۆزەڭگە،
    ئەل رايىغا بېقىپ قوي سۇقۇشتۇرماي ئۈزەڭگە.
    تەمەننادىن يىراق بول ياغ تولمىسۇن كۆزەڭگە،
    ئەلنىڭ لەنەت تامغۇسى بېسىلمىسۇن تۆپەڭگە.
    ئادەت بولسۇن سەن ئۈچۈن ئەلنى سۆيۈپ ياشىماق.

    تۈزۈك قارا، ئۇيغۇردا شانۇ-شەۋكەت زەپەر كۆپ،
    ئالەمشۇمۇل نەتىجە، تۆھپىلەر كۆپ، خەۋەر كۆپ.
    رىقابەتلىك بەيگىدە پەللىلەرگە ئۆتەر كۆپ،
    ئەل ئىشقىدا كۈنۇ-تۈن ھالالۇ تەر تۆكەر كۆپ،
    يوللىرىغا نۇسرەتنىڭ گۈل-غۇنچىسى ئۈنەر كۆپ،
    ئۇيغۇرۇمغا يار بولسۇن ئۈمىدۋار بوپ ياشىماق.


     

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-24 10:59:20]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.