ئىككى شېئىر(تۇردىبەگ مۇھەممەتبەگ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-05 07:12:50

ئىككى شېئىرتۇردىبەگ مۇھەممەتبەگ (تاجىك)مەيىن سەھەركۆزۈڭگە ئوت كەتتى، كۆزلىرىڭگە ئوت،سۇس تۇمان ئىچىدە كۆيدۈم چاراسلاپ.ياپراقلار بەرگىدە ياپيېشىل ئۈمىد،بىلىمەن، بىمالال كېلەر يېقىنلاپ.مىجىلار ...

    ئىككى شېئىر
    تۇردىبەگ مۇھەممەتبەگ (تاجىك)



    مەيىن سەھەر

    كۆزۈڭگە ئوت كەتتى، كۆزلىرىڭگە ئوت،
    سۇس تۇمان ئىچىدە كۆيدۈم چاراسلاپ.
    ياپراقلار بەرگىدە ياپيېشىل ئۈمىد،
    بىلىمەن، بىمالال كېلەر يېقىنلاپ.

    مىجىلار پەي ياستۇق، چۈشلەر قوينىدا،
    ئەڭ گۈزەل قەترىلەر سىڭىدۇ لەپ-لەپ.
    ناخشىلار ئەكسى بار تاتارغان تامدا،
    ئېھ، مەيىن خىياللار ياتىدۇ تۈنەپ.

    سىڭمەكتە يايلاققا، سىڭمەكتە تىنىق،
    شەبنەمدەك يالتىراپ، نۇرلاردەك سۈزۈك.
    كۆيىدۇ يۈرىكىم، كۆيىدۇ ئېنىق،
    كۆزلىرىڭ ئوت چاچار ماڭا مەڭگۈلۈك.

    سوقۇلۇش

    (X نىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە)

    شاماللار كۈيىدە ئۈنلەيدۇ ئىيۇل
    گۈللەرنىڭ بەرگىدە باراقسان تىلەك.
    ئاقىدۇ باغرىڭغا، باغرىمغا ئۇدۇل،
    تاتلىق بىر ئېچىرقاش تۇغۇلۇپ سەندەك.

    ناخشىلار ئوت چاچار ياپيېشىل تىلدا،
    گۈللىرىڭ بوي سوزغان كۆككە باراقسان.
    شىلدىرلار خاسىيەت بارماقلىرىڭدا،
    قۇشۇڭمەن قەلبىڭگە ياسىغان ئايۋان.

    تۇزدەك ئۇز ياسىنىپ بۈگۈن تەبىئەت،
    ئۇلۇغ بىر ئىرانى قىلدى تەۋەللۇت.
    ساقىدى باغرىڭغا گۈزەل رىۋايەت،
    بالقىدىم كۆزلىرىڭ ئىچرە ئۇشتۇمتۇت.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.