مەن كىم؟
زاھىر بۇرھان
مەن سۇنغان پىيالە لېۋىدىن تۆكۈلگەن چايمەن،
ھەم ئاشىقلار ۋىسالىچۈن ئورۇن بەرگەن كونا جايمەن.
يېتىملىك دەردىدە ئۆرتەنسىمۇ گەرچە بۇ روھىم،
دوستلار مەدەتلىرىگە شۇنچىلىك بايمەن.
كىم مېنى شۆھرەت تاجىنىڭ ئىستىقامەتچىسى دېدى،
دېمەك ئۇ نادانلىق ئىچرە بىھۇدە غەم يېدى.
زورۇققان كۆڭۈلدە قاچان سۈزۈك تۇيغۇ بولغان،
خۇدۈكسىرەش ئىچرە بىھۇدە روھى بۇلغانغان.
مەن قىيامەت سوراقلىرىدا تەييارلانغان قامچىمەن،
قەۋمۇمنىڭ كۆزىدىن ئاققان ئاداققى تامچىمەن.
مېنى بۇ كائىنات تامامېنىڭ چېكىتى دېگىن،
ھەم ھەر نەرسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى دېگىن.
________________________________
زاھىر بۇرھاننىڭ ناخشىلىرىدىن بەكرەك ئۇنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن.
ئۇنىڭ مۇزىكىللىرىدا غەرب مۇزىكا مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋپپەقىيەتلىك مۇجەسسىمى چاقناپ تۇرىدۇ.
بىز بىلەن زامانداش ياشاۋاتقان بۇ سەنئەتكارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىم بار.
ئۇ بىزنىڭ چۇشىنىشىمىزنى ساقلاپ ئۈنسىز ئەمگەك قىلىۋاتقان قەدىرلىك ئادەملىرىمىزنىڭ بىرى.....
ئۇنىڭ بۇ شېئىرىنى ئۇنىڭ نامى بىلەن بوشلۇققا يوللانغان تور بەتتىن كۆچۈرۈپ ئالدىم.
مەنبەسى: www.zahirburhan.com
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.