شېئىرلار(ئابلىكىم خېۋىر تەرجىمىسى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 09:35:51

شېئىرلارئابلىكىم خېۋىرسەرگەردانتوما(رومىنىيە)كۆلبەڭگە كىرىپ كەلسە بىر سەرگەردان،ئاش - تۇزۇڭ تەييار بولسۇن سال داستىخان.ئوچاق، مەش ئالدىغىراق ئولتۇرسۇن ئۇ،مەي ئۇزات، قىزىپ قالسۇن تېنىدە قان.سو...

    شېئىرلار
    ئابلىكىم خېۋىر



    سەرگەردان
    توما(رومىنىيە)

    كۆلبەڭگە كىرىپ كەلسە بىر سەرگەردان،
    ئاش - تۇزۇڭ تەييار بولسۇن سال داستىخان.
    ئوچاق، مەش ئالدىغىراق ئولتۇرسۇن ئۇ،
    مەي ئۇزات، قىزىپ قالسۇن تېنىدە قان.
    سورىما، سوراپ سالما شۇنى زىنھار:
    سەن نەدىن، بارماقچىسەن ئەندى قايان.

    سەرگەردان باشنى ئېلىپ چىققان تۇرسا،
    ئاشۇنداق سوئال ئاڭا ھار كەلمەمدۇ؟
    يۇرتىدىن كەچكەندۇ ئۇ شورپىشانە،
    دىل رەنجى بولسا مەلە تار كەلمەمدۇ؟!

    سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇپ يارىسىنى
    جېنىغا ئارام بەرگەنئىدىڭ ھازىر.
    يارىغا تۇزلار سېپىش نېمە ھاجەت
    نە كېرەك شۇنداق سوئال قويۇش، ئاخىر.

    نەگىمۇ بارىدۇ ئۇ، شەپقەتچى كىم؟
    ئۇ پەقەت ئالغا ماڭار، ماڭار راۋان.
    كەچمىشلەر بۇزغاندۇ تىنچ دەملىرىنى،
    بىكاردىن يۇرتلار كېزىپ كەلمەس بۇيان.

    سەرگەردان كۆرسۇن سەندىن چىن شاپائەت،
    غەملەپ بەر يولىغا سۇ، يەتكىدەك نان.
    كەچكۈزدە ىازان بولغان شۇ ياپراقتىن -
    سورىما: قايسى شاختىن چۈشتۈڭ قاچان؟
    سوئالغا سوئال ئۇلاپ سورىماي قوي:
    شاماللار ئېپ قاچقۇسى سېنى قايان؟

    ھايات ساۋىقى

    بارمونت (روسىيە)

    سورۇدۇم ئەركىن ئۇچقان شاماللاردىن:
    بالىلىق، ياشلىق قانداق ئۆتكەن تۈزۈك؟
    چاقچاقچى شاماللاردىن ئالدىم جاۋاب:
    «يەڭگىل ئۇچ سەلكىنلەردەك سۈرۈپ تۈتەك»

    سورۇدۇم ھۆكۈرىگەن دېڭىزدىن مەن،
    نېمىدۇر ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ ساۋاق.
    شاۋقۇنلۇق دېڭىز ماڭا بەردى جاۋاب:
    «مېنىڭدەك مەڭگۈ شاۋقۇن - سۈرەن سالماق.»

    سورۇدۇم ئاسماندىكى قۇياشتىن مەن:
    شەپەقتىن نۇرلۇق بولۇش قانداق ھىكمەت.
    قۇياشتىن سۈكۈت كۆردۈم نۆۋىتىدە،
    يۈرىكىم دېدى: يانماق كېرەك پەقەت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.