ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن(مۇھەممەدجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 09:25:14

ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەنمۇھەممەتجان راشىدىنئىشتىن بالدۇر كېتىشسەڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن. قايسىڭ ئىشقا كىچىكسەڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن. كىچىكمەمسەن خىزمەتكە، يېتىۋەرسەڭ چىرمىشىپ، بىر كارۋاتتا ...

    ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن
    مۇھەممەتجان راشىدىن


     
    ئىشتىن بالدۇر كېتىشسەڭ،  ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
    قايسىڭ ئىشقا كىچىكسەڭ،  ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
    كىچىكمەمسەن خىزمەتكە،  يېتىۋەرسەڭ چىرمىشىپ،
    بىر كارۋاتتا يېتىشساڭ،  ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
     
    جان يېرى بار ئادەمنىڭ،  ئوخشار ئاڭا مائاشمۇ،
    ئوندىن قۇسۇر تېپىشساڭ،  ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
    بۇندىن ئۆزگە تەدبىرنىڭ،  ئانىسىنى تۈمەنمىڭ...!
    مېنىڭ بىلەن ئېيتىشساڭ ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
     
    ئىنتىزامىڭ بولمىسا كۈندە كېسەل بولمامسەن ؟!.
    بالنېستتا يېتىشساڭ،  ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
    ئىدارىگە يولاتما،  ئەمدى بالا-چاقاڭنى،
    بۇندا بالا بېقىشساڭ ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
     
    چىقىپ كەتسەڭ كىرمەيسەن،  خالا جايدىن بىر سائەت.
    يىغىن ئاچسام قېچىشساڭ،  ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
    قېشىڭدىكى ئوسمىنى قاچان قويدۇڭ،  ئېيتمىدىڭ،
    ئەمدى خېنە يېقىشساڭ ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
     
    گەپنى ئۇچۇق دەپ قوياي ! مېنى كۆرسەڭ پىچىرلاپ،
    قۇلىقىڭنى يېقىشساڭ،  ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
    بارالايدۇ پىقىرمۇ،  بارغان يەرگە ھەر قايسىڭ،
    رەھبەرلىككە چېقىشساڭ،  ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.