ئۇرۇش(ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 08:54:53

ئۇرۇشئۆمەر مۇھەممەتئىمىنيانچۇقىدىن تەڭرىنىڭ بۇدەميامغۇر ئەمەس، تۆكۈلەر ئەجەل.ئەزرائىلنىڭ نوپۇس دەپتىرىتوشۇپ كېتەر ئىسىمغا تۈگەل.قورال كىشنەر، ئوقلار ئېتىلاريەرلەر تىترەر، شەھەر يىقىلارپارتل...

    ئۇرۇش
    ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن



    يانچۇقىدىن تەڭرىنىڭ بۇدەم
    يامغۇر ئەمەس، تۆكۈلەر ئەجەل.
    ئەزرائىلنىڭ نوپۇس دەپتىرى
    توشۇپ كېتەر ئىسىمغا تۈگەل.

    قورال كىشنەر، ئوقلار ئېتىلار
    يەرلەر تىترەر، شەھەر يىقىلار
    پارتلاشتىن ساق چىققان زەر كوزا
    بەزىدە تاش ئەمەس، قۇمدا چېقىلار.

    پېشەنەڭگە بىراۋ خەت يازار
    دۆلەت قۇشى پەرۋازدا ئازار
    قەبرىستاندا قىشلايدۇ بازار
    قەسىرلەرنى ھېيتلايدۇ مازار

    شاھانە داچىدا ئىككى ھۆكۈمدار
    شۈمگىنىچە ئىرادىسى
    رەقىبىگە ھالاكەت چاچار.
    كىلون بەخت، كىلون ھەقىقەت
    كىلون دۆلەتتە كۆزىنى ئاچار.

    ئىككى توپ ئادەم ئىككى ياق بولۇپ
    بىر - بىرىگە تەڭلەيدۇ زەھەر.
    ئۇلار پەقەت بۇيرۇقنىڭ قۇلى
    ئاڭقارماس بۇيرۇقتا نە پايدا - زەرەر؟

    ئۆلۈم ئەگەشتۈرۈپ بالىلىرىنى
    ئوۋلار ئاسايىشلىق دالىلىرىنى.
    ھايات - قاچىدىكى ئۇيۇغان قېتىق،
    چىلار رىسقى بارلار زاغرىلىرىنى.

    قۇم

    ھەممە يەردە ئۇچرايدۇ
    ئۇ ئادەمگە ئوخشايدۇ
    ئەمما ھەممە ۋاقىتتا
    ياخشى ئادەم تېپىلىۋەرمەس
    ھەممە گۈللەر ئېچىلىۋەرمەس

    شۇڭغۇدۇم تۇرپانغا
    تاپىنىمغا ئۇرۇلدى بىر ئوت
    بەلكىم چوقامدىن
    ئۆرلەپ چىقتى قۇم رەڭلىك بۇلۇت

    مەن ئاپتاپنى شۈمۈرۈپ
    ئاپتاپ مېنى سۈمۈرۈپ
    يىگەندەك قىلىمىز بىر - بىرىمىزنى
    مەن قۇمغا تاپشۇرۇلغان
    قۇم ماڭا تاپشۇرۇلغان
    ئۆزىمىزلا بىلىمىز سىرلىرىمىزنى

    سىلىماقتا يۈرىكىمنى قۇم
    مەن كېلەگە ئايلاندىم
    ئەركەكلەرنىڭ سەجدىگاھى قۇم
    ئاياللارنىڭ تېخىمۇ چوقۇم

    تۇيغۇم چېچەكلىمەكتە شۇ تاپ قۇم كەبى
    روھىم كۈلۈمسىرەر ئەسلىمىدەك سەبى

    تۇغۇلغان كۈنۈمگە

    مەن تۇغۇلغان شۇ كۈنى،
    ئۈستەلگىمۇ تۇغۇلمىدى تورت.
    تەلەينىڭ تاڭ ۋە تۈنىدە
    ئامەت مېنى ئىزدەپ، مەن ئامەتنى ھەم
    ياشاۋاتقاندۇرمىز ئىككى ئارالدا،
    بەلكىم ھايات، بەلكىم ئادەملەر
    ئوينىماقتىدۇر قىلىپ مېنى كورت.

    ئاي ۋە كۈن
    مۆكۈشمەك ئويناپ ھېرىپ قالمىدى
    ئۆلۈم ۋە تۇغۇم
    بىر - بىرىنى يىقىتالمىدى
    تەبىئەتتە بىرلا تېئورما:
    يىللار رەقەملەرنى باردى يەڭگۈشلەپ
    شەھەرلەر قەبرىلەرنى تۇغدى پەپىلەپ
    قەبرىلەر شەھەرلەرنى ئۇچۇردى پۈۋلەپ.

    چېڭدىغانچە پېشانىمىزگە
    گاھ قۇتۇپ يۇلتۇزىنى، گاھىدا شورنى
    ئۆز يولىغا ماڭماقتا جاھان.
    ساقپ تۇرغىن ئىككىنچى ئايدا،
    كۆرۈشەرمىز، تۇغۇلغان كۈنۈم،
    يەنە ئون ئىككى ئاي بولساقلا ئامان!

    مۇھەببەت كارىدورى

    1

    ئوڭدا ياتقىنىچە سۈمۈرۈپ كۈننى
    ئۇۋۇلۇپ كەتكەن ئايال تېنىدەك
    ئىككى يۇرتقا ھىجران تېرار قۇم.
    ئارىسىدا بىر يول
    ئەتراپى قۇم بىلەن ياسالغان تۇلۇم.
    يېشىللىق چالا، چۆللۈكلا پۈتۈن،
    بۇندا ئوت كۆرۈنمەس، كۆرۈنمەس تۈتۈن...

    سەن كېلەتتىڭ شۇ يولدا
    ئوت قويۇپ،
    ئىس چىقىرىپ،
    كۆزلىرىڭ بىلەن
    يۈرىكىمگە ياساپ بىر چاڭگا.
    مەن كېلەتتىم شۈمۈپ ئىسمىڭنى
    روھىمدەك چۆل يولدا  دۇنيادەك تەنھا.
    ماڭدۇقا - ماڭدۇق
    يەرنىڭ قوۋۇرغىسىنى
    تىترەتكۈدەك بولغىچىلىك قەدەملەر
    ئۆتۈپ كەتتى يىگخرمە تۆت يىل...
    تېنەپ يۈرگەن ئوغۇزخانغا
    ئۇچرىغاندەك كك يايلىلىق بۆرە
    قىسمەت ئاتلىق تامنىڭ كەينىدىن
    مارلاپ قالدى بىر كارىدور:
     سائىتى كەلدى، سائىتى كەلدى!
    سائەت ئىچىدىن
    چىقتى بىر قىز، چىقىپ كەلدىڭ سەن...

    2

    بۇ ئاشۇنداق كارىدور
    ئۇندا ھاياتتىكى قېرىماس ھوزۇر.
    بۇ كارىدورغا
    سەن پاتىسەن
    مەن پاتىمەن
    پاتىدۇ جاھان.
    سەن كىرىسەن
    مەن كىرىمەن
    كىرىدۇ ئارمان.

    بۇ بىر كارىدور
    پاتار ئاڭا ئاينۇر دېگەن قان
    پاتار ئاڭا ئۆمەر دېگەن جان...

    3

    قان
    شەپەق
    قىزىل رەڭ...

    قۇياش سۇغۇرۇلۇپ چىقار كېچىدىن
    تاغ بىلەن كۆك تۇتاشقان بىر يەر
    قاناپ كېتەر شۇنچە چىرايلىق

    پاتار قۇياش بېشىچىلاپ كېچىگە
    قۇياش پاتقان يەر
    قاناپ كېتەر
    قىزىل رەڭگە تولۇپ لىپمۇ - لىق

    بۇ بىر كارىدور
    تۇغۇلىدۇ قىزىل رەڭدىن قىز
    قىزدىن قىزىللىق...

    4

    يوپيورۇقتۇر كارىدور
    ئۆمۈر گۇگۇمىدا پەرۋازدا سۇمرۇغ
    ۋاپا ئەمگەن جۈپ كۆڭۈل رەڭگى
    لەپىلدىتەر جۈپ باشتا جۈپ تۇغ

    تاغدا بۇلاق، ئاسماندا چېقىن
    كارىدوردا ئۈزۈلمەس ئېقىن
    ۋاپا، سۆيگۈ ئۇندا ئاققىنى
    بۇندا بىر جۈپ كۆڭۈل ئەڭ يېقىن

    كارىدوردا بىر دوسكا
    چاقنار پەقەت ئاينۇر دېگەن سۆز
    يانار پەقەت ئۆمەر دېگەن كۆز

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.