ئۇيغۇر گىلىمى(روزى سايىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 08:15:31

ئۇيغۇر گىلىمىروزى سايىتئەي گىلەم،ئېيت، قايسى بوستان ھۆسنى رۇخسارىڭچە بار؟قايسى گۈل، گۈلشەن جۇلالىق رەڭدە بىر پارىڭچە بار؟قاي گۈزەللىك ئالىمىنىڭ نەرى دىدارىڭچە بار؟قايسى دىلبەرنىڭ پىراقى جى...

    ئۇيغۇر گىلىمى
    روزى سايىت



    ئەي گىلەم،ئېيت، قايسى بوستان ھۆسنى رۇخسارىڭچە بار؟
    قايسى گۈل، گۈلشەن جۇلالىق رەڭدە بىر پارىڭچە بار؟
    قاي گۈزەللىك ئالىمىنىڭ نەرى دىدارىڭچە بار؟
    قايسى دىلبەرنىڭ پىراقى جىلۋە، ئوت – نارىڭچە بار؟
    كەسىپ – كامالەتتە، دېگىن، كىم ئۇيغۇرۇڭ، يارىڭچە بار؟
     
    ئاسسا تامغا تامنى باغدەك گۈل جامال قىلدى بېتىڭ،
    يەرگە سالسا، يەرنى قىلدى ھەم چىمەنزار قات –  قېتىڭ.
    كۆمسە قۇملار ھېچ بۇزۇلماي قايتا چىقتىڭ ساق پېتىڭ،
    تارقىدى ئالەمگە، « ئۇيغۇر گىلىمى » دەپ ئۇز ئېتىڭ،
    ئەي گېلەم، تەۋسىپتە كىمنىڭ داڭقى ئەنزارىڭچە بار؟
     
    ئانا دەريا قاشتېشى چايقاپ گويا « كەلكۈن » بىلەن،
    « باغچى ئەدىيال » باغ ياراتتى تۆھپىكار ئەلكۈن* بىلەن،
    نۇسخا « شام » ىڭ ئېيتتى « نۇر سۆيگىن باھار تەل كۈن بىلەن! »
    « چاچما » نۇسخاڭ چاچتى ھوزۇر ھەر پەسىل، ھەر كۈن بەلەن،
    چىقتى«پەتنۇس » قا « ئانار » ئەلۋانى:ئەزھارىڭچەبارئەزھارىڭچەبار

    قاينىسا ئۈستۈڭدە بەزمە، چالسا ئۇيغۇر سازىنى،
    كۈلسە رەققاسلار يېيىپ قەۋلان ئارا قول – بازىنى،
    سەن ئاسان قىلدىڭ كۆڭۈللەر شادى – ياشلىق نازىنى،
    كۆرمىدىڭ پەس ئەلنى، ئۈستۈن بىلمىدىڭ « شاھ، قازى » نى،
    ئەي گېلەم، بۇ پەسلى خاسلىق سەندە – گۈلبار ىڭدا بار!
     
    سەن پۈتۈرسەن يىپ تىۋىت، ئارقان ئۈرۈش...نىڭ جەمىدە،
    رەڭگىۋايىڭ رەڭ تۈزەر خالۋاپ ئوغۇلنىڭ پەمىدە،
    ھەم تاپار ئىسكەت سىياقىڭ قايچا، پەنجە تەمىدە،
    سەن دۇكاندا، ئەمما شەكلىڭ ئۇستىكار دىل سەمىدە،
    ئەي گېلەم، ئېيت، قايسى يار خالۋاپ – ئاشۇ يارىڭچە بار؟
     
    ئۇزلۇقۇڭ ئۇيغۇر دىلىنىڭ نۇر سىيماسى – ئۇزلۇقى،
    ھەر تىۋىت، چۇچاڭ قەلىب ئاسمانىنىڭ يۇلتۇزلۇقى،
    گۈل، كانارەڭ تەڭرىتاغنىڭ سوۋغىسى، نورۇزلۇقى،
    رەڭ– بوياقلار ئەھلى ئەجداتنىڭ سۈتى، ئوغۇزلىقى،
    تەسۋىرى يۇرتنىڭ مۇجەسسەملىكتە گۈلزارىڭچە بار.
     
    ھە، شۇڭا بارچە گۈزەللىك بەردى بىر تەرەپ، سەن بىر تەرەپ،
    شۇ گۈزەللىك بەردى خالۋاپ ھىممىتىگە شان – شەرەپ،
    كۆر، ساڭا مەپتۇن ئەنە ياپۇن، پەرەڭ، پارس، ئەرەب...
    ئەي گېلەم، چاقنا، جۇلالاپ، بۇ ساڭا رىغبەت، تەلەپ،
    بۇ تەلەپ ئاشكارا، ئەمما، سىرى ئەسرارىڭچە بار!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.