ئاشخاندا

يوللىغۇچى : kurbanismail يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-23 22:25:00

ئاشخاندا ئاشخانىدا قىستاپ كەلمەكتە غېرىپلىق يەنە مىڭ خىل ناز بىلەن كۆزنى قىسىپ. يۈندىگە قونغان رەزگى چىۋىندەك قاپقارا چوتكىدەك تىللىرى بىلەن ئېھتىمال روھىمنى باقماقچى تېتىپ. ھوردەك لەيلىگە...

                                                                                       ئاشخاندا

        ئاشخانىدا قىستاپ كەلمەكتە غېرىپلىق
    يەنە مىڭ خىل ناز بىلەن كۆزنى قىسىپ.
    يۈندىگە قونغان رەزگى چىۋىندەك
    قاپقارا چوتكىدەك تىللىرى بىلەن
    ئېھتىمال روھىمنى باقماقچى تېتىپ.

    ھوردەك لەيلىگەن ئىللىق موھىتتا
    باشقىلار جۈپ بولۇپ بولۇشماقتا مەس.
    قۇيۇلدى رومكىغا قوش كىشلىك شاراپ،
    يالغۇز ئىچىلگەن شۇ ھاراق بىلەن
    غىرىپلىق روھىمغا تولدى لىق پەۋەس.

     غېرىپلىق نىمىشقا بولمايسەن بىزار
    سەۋىرلىك شۇ قىزچاق كەتكەندەك تاشلاپ.
    ئېيىتمايسەن ئىچىڭدىكى چىن گەپنى زىنھار،
    مىڭ پاتمان بىزارلىق زېرىكىش بىلەن
    كېتىشىڭنى جىسمىمنى ئۆلۈمگە باشلاپ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 9:14:14]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق