قېنىم(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:53:18

قېنىمئادىل تۇنىيازمەن ئۆزۈمنى قويدۇم يوقۇتىپ....گۇگۇم يارىلانغان،قويۇق تۈكلىرى ئارىسىدىنسىرغىپ چىقماقتا قىزىل يۇلتۇزلار.يالايدۇ ھاۋائەينەكتىكى قېنىمنى.ھەركەتتىكى گۈل ۋە يارا.ئاغرىق پىچاقتەك تو...

    قېنىم
    ئادىل تۇنىياز



    مەن ئۆزۈمنى قويدۇم يوقۇتىپ....

    گۇگۇم يارىلانغان،
    قويۇق تۈكلىرى ئارىسىدىن
    سىرغىپ چىقماقتا قىزىل يۇلتۇزلار.

    يالايدۇ ھاۋا
    ئەينەكتىكى قېنىمنى.

    ھەركەتتىكى گۈل ۋە يارا.
    ئاغرىق پىچاقتەك توختىدى چاقناپ
    قولۇم ئەينەك كۇكۇنى ئارا.

    جاننىڭ چاقمىقى تەندە،
    قاننىڭ چاقمىقى سەندە،مەندە
    تاڭنىڭ چاقمىقى دەرەختە،يەردە.
    دۇنيا ۋەيرۇ-ۋەيران بىر دەمدە
    غەزەپ چاقماقتەك كەلگەندە...

    ئەقىل بىلەن بېسىپ مەجبۇرىلاپ
    ئۆزىمىزنى كەلدۇق چىڭ تۇتۇپ.
    ئىچىمىزدە جىمجىت كۈچ توپلاپ
    قوراللانغان يەنە بىر قۇتۇپ.
    غالجىرلاشقان قوتازدەك
    ئەركىنلىككە چىقتىم ئۇشتۇمتۇت.

    قېنىم راھەتلەنمەكتە
    گېلەمگە تامچىلاپ ئېقىپ،
    راھەتلەنگەن بىر توپ توغراقتەك
    يامغۇر قەپىزىدىن چىقىپ.

    سۇندى قىش پەسلى ئەينەكتەك سۈزۈك،
    ئۈندى قولۇمدىن قىپقىزىل چېچەك.

    مەن ئۆزۈمنى قويدۇم يوقۇتۇپ
    پارچە-پۇرات تۇرمۇشتا،
    نەزىر بەردىم ئىسسىق قان بىلەن
    سۇ ئۈستىگە شەھەر قۇرۇشتا.


    2004-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئادىل تۇنىياز قېنىم