يازمايتتىم شېئىر(ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر)

يوللىغۇچى : abduhelil يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-18 17:18:19

يازمايتتىم شېئىرئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىريازمايتتىم مەن شېئىر، يازدىم سىنى دەپ،ھىجرانلىق ياشلاردىن سىنى سۈزۈشكە.قۇيۇلۇپ مەن زەمزەم بولۇپ دەشتىڭگە،توغراقتەك بوي تارتىپ بىللە ئۆسۈشكە.يازمايتتىم م...

    يازمايتتىم شېئىر
    ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر


    يازمايتتىم مەن شېئىر، يازدىم سىنى دەپ،
    ھىجرانلىق ياشلاردىن سىنى سۈزۈشكە.
    قۇيۇلۇپ مەن زەمزەم بولۇپ دەشتىڭگە،
    توغراقتەك بوي تارتىپ بىللە ئۆسۈشكە.

    يازمايتتىم مەن شېئىر، يازدىم سىنى دەپ،
    قىسمىتىڭ ئالدىدا نەچچە رەت ئۆلۈپ.
    جېنىمنى قامچىلاپ تۇرسىمۇ نامىڭ،
    چىللايمەن تاڭلارغا يېشىڭنى سۈرتۈپ.

    يازمايتتىم مەن شېئىر، يازدىم سىنى دەپ،
    روھىڭنى سۇلدۇرغان كىرنى يۇيۇشقا.
    ھەر ماڭغان يولۇڭغا قەيسەرلىك بېرىپ،
    ئىشقىڭنىڭ تۈنىدە ئايىڭ بولۇشقا.

    يازمايتتىم مەن شېئىر، يازدىم سىنى دەپ،
    كۈل بولۇپ تۇرساممۇ گۈلخانلار ئارا.
    كۈلگۈنىڭ ئاچچىقتىن، چاچلىرىڭ تۇزۇپ،
    بىل، ماڭا چاپلاشقان ساقايماس يارا.

    يازمايتتىم مەن شېئىر، يازدىم سىنى دەپ،
    يازىمەن چېھرىڭدىن چاڭلار كەتكۈچە.
    چىللايمەن سىنى چىن ۋىسال پەسلىمگە،
    يۈرەككە ئۆلۈمنىڭ ئوقى تەككۈچە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.