جۇلالىق ئارمان(ئابدۇللا تۇردى)

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-11 14:23:37

جۇلالىق ئارمان(ھايات تۈركۈملىرى)ئابدۇللا تۇردى1قۇش مىسالى ئۇچقۇر خىياللار،قېتىپ قالدى بۇندا مۇز بولۇپ.ناتىنچ روھ يۈرەر تۈن ئىچرە،قىزارغان چوغ ياتىدۇ سوۋۇپ.چوغ مىسالى قىزارغان ھايات،مەنالارغا ...

    جۇلالىق ئارمان
    (ھايات تۈركۈملىرى)
    ئابدۇللا تۇردى

     

    1

    قۇش مىسالى ئۇچقۇر خىياللار،
    قېتىپ قالدى بۇندا مۇز بولۇپ.
    ناتىنچ روھ يۈرەر تۈن ئىچرە،
    قىزارغان چوغ ياتىدۇ سوۋۇپ.
    چوغ مىسالى قىزارغان ھايات،
    مەنالارغا تۇرار تويۇنۇپ.
    بۈيۈك نامەرد كۈتەر پاك ۋۇجۇد،
    يۈرىكىنى يىتتۈرۈپ قويۇپ.

     

    مەيۈسكىنە باقار تەنھا ئاي،
    خوجايىنسىز قورغان- بۇ ساراي.
    زارلىنىدۇ ۋاپاسىزلىقتىن،
    ئىشەنچ تۇغى جەۋلان قىلالماي.
    ئىنتىلىشلەر قاتقان كۆزلەردە،
    نىگاھلاردا مەنالار تالاي.
    قاناتلىنىپ كېلىدۇ نۇرلار،
    قارىچۇقلاردا زارىققان چىراي.

     

    ياڭرىتىدۇ دەرتلىك سادالار،
    ئېزىقىشتىن ئالدانغان يۈرەك.
    بۇ ئالەمدە سۆيگۈ قالدىمۇ،
    نىقابلىنىپ يۈرسە ناز بىلەن،
    كۈلگۈنچەك نۇر-شاھانە تىلەك!؟
    بىلەلەمسەن، قالامدۇ ئەتە،
    سوغوق قارغا كۆمۈلۈپ بەخت!؟
    بىلەلەمسەن، ئامانەت كىمگە،
    ئىستەكلىرى ئۈزۈلگەن تەخت؟!...

     

    2

    قوللىرىمدا تۇرار چوغ قەغەز،
    مۇھەببىتىم بولۇپتۇ مەغلۇپ.
    يۈرىكىڭگە يەتمەپتۇ قولۇم،
    قالدىڭمۇ قول يەتمەس كۆك بولۇپ؟

     
    ئولتۇرىمەن دەريا بويىدا،
    ئاي بەزمىسى بولغان ھەم تامام.
    دەريا سۈيىن ئەندىكتۈرىدۇ،
    يۈرىكىمدە ساقايماس يارام.
     

    گۈل ئىدىڭ سەن روھىمدا ئۈنگەن،
    قۇياش سىرىن قىلغانتىڭ ئايان.
    سەۋدا بولۇپ سېنىڭ ۋەسلىڭدە،
    ياندى دىلدا يىقىلماس ئىسيان.
    يىلان كەبى چاچلىرىڭ بۇ دەم،
    سۇئال، ئۈندەش ياراتتى چەندان.


    كوچىلاردا قېپ قالدى تىلەك،
    سۈكۈناتقا ئايلاندى ئىستەك!...

     

    ياشلىرىڭنى تۆكمىگىن بۇلۇت،
    تالاي ھەسرەت تاغلار بېشىدا.
    ھەسرىتىڭنى كۆتۈرەلمەيدۇ،
    ئۆزگىلەرگە تۆكمە دەردىڭنى،
    ئۆز-ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدۇ.

     

    زىمىستاندىن زارلىما ياپراق،
    مۇز ئاستىدا قېتىپ قالدىم دەپ.
    ئەتە ئىللىق باھار كېلىدۇ،
    زىمىستاننى قوغلاپ-ئەدەپلەپ.

     

    كەچكۈزدىكى بىتەلەي چېچەك،
    خىيال قىلما سۆيۈپ قويسا دەپ.
    سۆيەلمەيدۇ ماغدۇرسىز قۇياش،
    ئۇمۇ سەندىن قەۋەت خىجالەت.


    1993-يىل.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.