قارنىڭ كەينىدە گۈلنىڭ ئالدىدا(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-26 09:20:05

قارنىڭ كەينىدە گۈلنىڭ ئالدىدائادىل تۇنىيازكۈن چىقىپ ئاستا ئىشىكنى ئاچتىكۆرۈپ قالدۇق ئاسمان ئىچى كۆك.ئىچىمىزگە بىر ئوت تۇتاشتى،قۇياش ئۇيغۇر كېيىپ چىققان بۆك.كېتىۋاتىدۇ يول بويىدا قار،ھەر قەد...

    قارنىڭ كەينىدە گۈلنىڭ ئالدىدا

    ئادىل تۇنىياز

     

     

    كۈن چىقىپ ئاستا ئىشىكنى ئاچتى

    كۆرۈپ قالدۇق ئاسمان ئىچى كۆك.

    ئىچىمىزگە بىر ئوت تۇتاشتى،

    قۇياش ئۇيغۇر كېيىپ چىققان بۆك.

     

     

     كېتىۋاتىدۇ يول بويىدا قار،

    ھەر قەدەمدە ئېرىپ ئاز قېلىپ.

    نەگە ماڭدىڭىز ئې،مەجنۇنتال

    كۆكلەمگە ماڭدىم دېمەس ناز قىلىپ.

     

     

     شىئېرىمدا كۆك ئوت پۇرىقى

    مەيىن شامال ئۇيغۇر تىلىدا.

    ھەر ھەرپتە مىڭ قىزنىڭ خۇلقى

    ئىرىپ سۇ بولغان سۆزلەر دىلىمدا.

     

     

    زىمىن تېرە تاشلاش ئالدىدا

    ئۈنۈپ چىققاي يېشىل تىرىسى.

    بىز بىر توينى باشلاش ئالدىدا

    قىلغاي ساما ياش ۋە قىرىسى.

     

     

    بىز ئالەمنىڭ مەلۇم يېرىدە

    نامەلۇم كۈچ توختىتار تۈننى.

    كۆردۇق قۇياشنىڭ ئەتىرگۈلىدە

    قوش ياپراقتەك كۈن بىلەن تۈننى.

     

     

     نورۇز كەلدى دەيدۇ ئۈرۈمچى

    ئاسىيانىڭ قەلبىدە تۇرۇپ.

    زۇمرەت تاجلىق دەل–دەرەخ ئۇچى

    بېرەر بىزگە خوش–خەۋەر سۇنۇپ.

     

     

     قاراياغاچ توختىدى قاردا،

    چىڭ ئۇچىدا باھار پەرۋازى.

    قارلىغاچ كېلەر باھاردا

    ناخشىمىزنى ئېلىپ ئاۋازى.

     

     

    قىش تاشلىغان سانسىز ئاق پەيدە

    سېنىڭ ئىسمىڭ،مېنىڭ ئىسمىم بار.

    مەن نورۇزنى سىزغان قەغەزدە

    قارا رەڭدە ئىرىمەكتە قار.

     

     

     گۈلنىڭ ئالدىدا ئېچىلايلى بىز،

    باھارى بار ھەممە ئادەمنىڭ.

    كۆڭۈل قىرىماس، دۇنيا مەڭگۈ قىز

    ئادەم بىر تال گۈلى ئالەمنىڭ.

     

     

     نورۇز مۇبارەك ئەھلى جامائەت،

    بىر تۈپ دەرەختەك چاۋاك چالايلى.

    ئېرىپ كەتسۇن توڭ ۋە ئاداۋەت

    ھەر باھارغا بىللە بارايلى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.