ئايمنىسا سۇلايمان شېئىرلىرى

يوللىغۇچى : nasmi يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-14 13:31:03

ئايمنىسا سۇلايمان شېئىرلىرىشېئىر بولۇپ يېزىلغان سەن كىم؟شېئىر بولۇپ يېزىلغان سەن كىم؟ئۆركەش ياساپ تۇرغۇلىرىمدا،خىيال بولۇپ توزۇغان سەن كىم؟چۈشۈمدىكى رىئاللىقىمدا.يۈرىكىمگە ئورنىغان قات-قات،...

    ئايمنىسا سۇلايمان شېئىرلىرى


    شېئىر بولۇپ يېزىلغان سەن كىم؟

     

    شېئىر بولۇپ يېزىلغان سەن كىم؟
    ئۆركەش ياساپ تۇرغۇلىرىمدا،
    خىيال بولۇپ توزۇغان سەن كىم؟
    چۈشۈمدىكى رىئاللىقىمدا.

    يۈرىكىمگە ئورنىغان قات-قات،
    ئەڭ ئاداققى ئوتلۇق سېغىنىش.
    ئۇنتۇپ كىتەي دەيمەنۇ ئەمما…
    ئۇنتۇشمۇ ھەم ئازاپلىق بىر ئىش.

    كەتسەم دەيمەن قۇشقا ئايلىنىپ،
    مەۋجۇداتسىز يۇچۇن ماكانغا.
    ئاندىن دەستە-دەستە گۈل تىزىپ،
    باھار بولۇپ كەلسەم ئالدىڭغا.

    تىۋىشسىزلا ئىشىك چەككەن كىم؟
    ئازاپمۇ سەن ۋە ياكى شېئىر…
    يانۋاردىكى غېرىب يۇرەككە،
    ھەرىپلىرىڭ ئۇيۇلغان بىر-بىر.

     

    22 ياش

     

    بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،
    يىگىرمەئىككىنچى يېشىم.
    سوغوققىنە تەبەسسۇم بىلەن،
    يۈرۈگۈمگە ياغماقتا سىم-سىم.
     
    سېغىنىمەن كىمدۇر بىرسىنى،
    گۇگۇمدىكى سۈگەتزارلىقتا.
    ھۆكۈم سۈرەر غېرىب تەنھالىق،
    قەلبىمدىكى تىمتاسلىق ئارا.

    يىگىرمە ئىككىنچى ياش،
    كۈتىۋالدىڭ مەن كۈتمەستە.
    سۈزۈككىنە ھەسرەتلىرىم بار،
    خىيالىمنىڭ خىلۋەتلىرىدە.

    بۈگۈن منىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،
    ئۇنتۇپ قالدى ئاناممۇ بەلكىم.
    سۈكۈتلەردە ياشايمەن جىمجىت،
    رىئاللىقنىڭ گىرۋەكلىرىدە،
    دولقۇنلايدۇ گاھى بىتىنىم.

     

    لەپىلدەپ ياغماقتا لەپىلدەپ ئاق قار

     

    لەپىلدەپ ياغماقتا لەپىلدەپ  ئاق قار،
    قەلبىمدە پەرىشان  ياش تۈكەر ئاسمان.
    كۈمۈش رەڭ سۈبھىدە مىسكىن بىر ياشاش،
    بىمەنە خىياللار شاماللار سەرسان.

    ئاقباش چۈشلىرىمنى ئاقتۇرۇپ رەت-رەت،
    مەڭگۈلۈك ئازاپقا بولىمەن ئەسىر.
    يوللاردا مىچىلداپ ئاقىدۇ شەھۋەت،
    بىرىلەر گاھ ئاڭا چىرايلىق تەبىر.
     
    لەپىلدەپ ياغماقتا لەپىلدەپ ئاق قار،
    ھاياتقا ئامالسىز سىڭدىم چوڭقۇرلاپ.
    كۈتكىنىم ئاخىرقى گۈزەل يۇقىتىش،
    يۈرىمەن ئېھتىمال ئۆزۇمنى ئالداپ.


    مەنبە:ئاپتورنىڭ توپلىمى ۋە تۇرپان ژورنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.