خىجالەت دوقمۇشىدا تۇرۇپ قالدىم

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-04 14:02:09

خىجالەت دوقمۇشىدا تۇرۇپ قالدىم مۇھەممەتجان راشىدىن يەر قاتتىق، ئاسمان ئىگىز ئامالسىزمەن،ھىجالەت دوقۇمۇشىدا تۇرۇپ قالدىم.كۆز يېشىم تۆكۈلدى تارام- تارام،قىيلىنىپ ئاران-ئاران نەپەس ئالدىم.كىشىلە...

    خىجالەت دوقمۇشىدا تۇرۇپ قالدىم  

    مۇھەممەتجان راشىدىن


    يەر قاتتىق، ئاسمان ئىگىز ئامالسىزمەن،
    ھىجالەت دوقۇمۇشىدا تۇرۇپ قالدىم.
    كۆز يېشىم تۆكۈلدى تارام- تارام،
    قىيلىنىپ ئاران-ئاران نەپەس ئالدىم.


    كىشىلەر سەنئەتخۇمار مىللەت دېسە،
    مەست بولۇپ كېچە-كۈندۈز ئويناپتىمەن.
    شۇ مىللەت ئەۋلادىمەن شوخلۇقىم بار،
    نامىم ھېچ ئۆچمەيدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.


    سەۋرىدىن ھالۋا پىشار بىر كۈنى دېسە،
    شۇ كۈن دەپ ئۇنى كۈتۈپ ئۇخلاپتىمەن.
    باشقىلار قاناتلىنىپ كېتىپ قاپتۇ،
    مەن تېخى پىيادىمەن ئۇخماپتىمەن.


    كۆز يېشىم تۆكۈلدى تارام-تارام،
    مەنمۇ شۇ مەنزىللەرگە يېتەرمەنمۇ.
    ۋەياكى تۈنۆگۈنكى مىراسلارنى،
    قۇچاقلاپ ئۈنسىز يوقاپ كېتەرمەنمۇ.


    خىجالەت دوقمۇشىدا تۇرۇپ قالدىم،
    مەن شۇنى ئويلىغاندا چېكىپ ھەسرەت.
    ئۆرلەتتى غەزىۋىمنى قەۋەت-قەۋەت،
    قانائەت، بىلىمسىزلىك ۋە جاھالەت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر