كۆيگەن شەھەر

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 01:01:38

كۆيگەن شەھەر زور يانغىن ئىچىدە كۆيمەكتە شەھەر،بەدبۇي ھېد ئۆرلىدى سۈزۈك كۆك تامان.بۇقەدەر دەھشەتنى كۆرگەن قېنى كىم؟بۇقەدەر مۇدىھىش بولغان قاي زامان؟كۆيمەكتە بىنالار، يوللار، دەرەخلەر،بۇ بەلكى...

    كۆيگەن شەھەر

     

    زور يانغىن ئىچىدە كۆيمەكتە شەھەر،
    بەدبۇي ھېد ئۆرلىدى سۈزۈك كۆك تامان.
    بۇقەدەر دەھشەتنى كۆرگەن قېنى كىم؟
    بۇقەدەر مۇدىھىش بولغان قاي زامان؟

    كۆيمەكتە بىنالار، يوللار، دەرەخلەر،
    بۇ بەلكىم غايىپتىن كەلگەن بىر جازا.
    نېمە ئۇ مۇھەببەت، قەۋم- قېرىنداش؟
    ئادەملەر ئاسىيلىق قىلدۇق ئۆزئارا.

    ھېلىلا جۇشقۇنلاپ تۇرغان ھاياتتىن،
    بىر دۆۋە كاۋاپلا قېپ قالغان بۇئان.
    بىلمەيمىز ئاھ، يەنە ئۈنەرمۇ گۈللەر؟
    بىلمەيمىز، قوپارمۇ بىر توپ چار يىلان؟

    كۆيمەكتە بۇ شەھەر، كۆيمەكتە شۇنداق،
    كۆيگەندەك ئاھ، بىر توپ مەينەت پاھىشە.
    بەدبۇي ھىد ئۆرلىدى سۈزۈك كۆك تامان،
    ئۆلۈمنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى ھەممە.

    پەقەتلا ۋەتەن دەپ يىغلىغان شائىر،
    خىيالچان، تىنىچ- ئامان تۇرۇپتۇ مانا.
    ئېھ، ئۇنىڭ سەھەردەك سۈزۈك روھىدىن،
    ئويغانسۇن قەلبىمىز ۋە پۈتكۈل دۇنيا

     

     

          ئاپتورى : م. سەيدۇللا

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.