چۈش ئوغرىسى(ئوسمان قاۋۇل)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-24 21:29:26

چۈش ئوغرىسىئوسمان قاۋۇلساڭا بەردىم قەلبىمنى پۈتۈن،ئۆتتى كۈنۈم يىغلاپ پىراقتا.سۆيدۈم دېدىڭ، سۆيۈلدۈم تولۇق،قالدى يالغۇز چاغلار يىراقتا.قىلماق بولسام بىر ياخشى ئەمەل،سېنى دېدىم، غېمىڭنى يېدىم....

    چۈش ئوغرىسى
    ئوسمان قاۋۇل


    ساڭا بەردىم قەلبىمنى پۈتۈن،
    ئۆتتى كۈنۈم يىغلاپ پىراقتا.
    سۆيدۈم دېدىڭ، سۆيۈلدۈم تولۇق،
    قالدى يالغۇز چاغلار يىراقتا.

    قىلماق بولسام بىر ياخشى ئەمەل،
    سېنى دېدىم، غېمىڭنى يېدىم.
    چىدام بەردىم ئەقىدەمگە يار،
    ئەسلى ساڭا ئاتالغانىدىم.

    تاۋاپ قىلدىم قەدىم جايلارنى،
    دېڭىزىڭغا كېمەمنى سالدىم.
    تولغىنىشلىق ئۇزاق تۈنلەردە،
    چۈشلىرىڭنى ئوغرىلاپ ئالدىم.

    تاتلىق سېزىم تولار ئىچىمگە

    كۈلگۈم كېلەر بىراۋغا قاراپ،
    كىملىكىنى بىلمەيمەن ئەمما.
    گۈللەر ئوماق لېۋىنى تامشىپ،
    گەپ قىلماقچى بولغاندەك ماڭا.

    مىغ - مىغ ئادەم ئارا يالغۇزمەن،
    ئاۋازىڭدىن ئۈنگەن يالپۇزمەن.
    قۇلىقىمغا بىر ناخشا ئېيتقان
    سۆيگۈ ئاتلىق گۈزەل قىز كىمسەن؟!

    ئۈمىدسىز بىر قۇشمەن شۇ تاپتا،
    نىدايىمنى زەن قويۇپ ئاڭلا!...

    رەسىمىڭگە

    گەپ قىلماقچى بولار لەۋلىرىڭ،
    مىدىرلىماس ئەمما ھېچقاچان.
    مەڭزىڭ ئەجەب سىلىق، جەلپكار
    ئاڭا قاراپ زوقلىنار ئاسمان.

    كىرپىكىڭگە قونۇپ يۇلتۇزلار،
    يۈرىكىمگە قىلىشار چاقچاق.
    شولىسىدا يۇيۇپ جاھاننى
    يۈرگەن كۈلكەڭ نېمانچە ئوماق.

    چاچلىرىڭنىڭ دولقۇنى ئوكيان،
    تور تاشلايدۇ تىلى قەلبىمگە.
    قۇلىقىڭغا قونغان ناخشىلار
    ئايان ھەردەم مۇڭلۇق ئەكسىمدە.

    ئېڭىكىڭنى يىرىك قولۇمدا،
    ئەركىلىتىپ تۇردۇم غايىبتىن.
    دۇئا قىلدىم ئامانلىقىڭغا،
    سەن كەلگۈچە يىراق جەنۇبتىن...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.